جۇڭگونىڭ ئىتالىيەگە بېرىپ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتىكى 3- تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى مىرانغا يېتىپ باردى

2020.03.27 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 25- كۈنى، جۇڭگونىڭ 3- تۈركۈمدە ئىتالىيەگە بېرىپ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى مەخسۇس ھۆددىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ئايروپىلان ئىتالىيەنىڭ ماربېنسا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. جۇڭگونىڭ 3- تۈركۈمدە ئىتالىيەگە بېرىپ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى 14 كىشى 25- مارت ماربېنسا ئايرودرومىغا يېتىپ باردى. مەزكۇر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، گۇرۇپپا ئەزالىرى فۇجيەن ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تەرىپىدىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرى ئولتۇرغان شۇ ئايروپىلان ئارقىلىق يەنە جۇڭگو تەرەپ ئىئانە قىلغان نەپەسلەندۈرگۈچ ماشىنىسى، كۆزەتكۈچ ماشىنىسى، ماسكا قاتارلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنىمۇ ئېلىپ ماڭغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ