مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىز ئالىملىرى ئىنسانلار ھۈجەيرىسى خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى

2020.03.27 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆرەلمە ۋە قۇرامىغا يېتىش ئىككى دەۋرىدىن ھالقىش، سەككىز چوڭ سىستېمىنى قاپلاش، 700 مىڭدىن ئارتۇق يەككە ھۈجەيرىنى كۆچۈرۈپ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش، ئادەم بەدىنىدىكى 100دىن ئارتۇق ھۈجەيرە چوڭ تۈرى ۋە 800دىن ئارتۇق ھۈجەيرە كەنجى تۈرىنى باھالاش ... ئىنسانلار ھۈجەيرىسى خەرىتىسى يېقىندا دۇنياغا كەلدى. بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، خەلقئارا ئالىي دەرىجىلىك «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا جېجياڭ داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى گو گوجى كوللېكتىپىنىڭ بۇ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى توردا ئېلان قىلىندى.

  ھۈجەيرە ھاياتلىقنىڭ ئاساسىي بىرلىكى. ئىلگىرى، ئالىملار ئاساسلىقى مىكروسكوپ ۋە ئاقما ئانالىز قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، بىرقانچە سۇبيېكتىپ تاللانغان فېنوتىپ ئالاھىدىلىككە تايىنىپ، ئوخشاش بولمىغان جانلىقلارنىڭ ھۈجەيرىسىنى تۈرگە ئايرىيتتى ۋە باھالايتتى. لېكىن يەككە ھۈجەيرىنى ئۆلچەش تەرتىپى تېخنىكىسىنىڭ پەيدا بولۇشى بۇ ئەنئەنىۋى ھۈجەيرە بىلىش سىستېمىسىغا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى.

  ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىلغان يەككە ھۈجەيرە تەھلىل قىلىش سۇپىسى ئاساسىدا، گو گوجى كوللېكتىپى 60 خىل ئادەم بەدىنى توقۇلما ئەۋرىشكىسى ۋە يەتتە خىل ھۈجەيرە ئۆستۈرۈش ئەۋرىشكىسىنىڭ ئۆتكۈزۈشچان يەككە ھۈجەيرە كۆچۈرۈش گۇرۇپپىسى بويىچە تەرتىپىنى ئۆلچىدى. «بۇ خىزمەتنى يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئادەم بەدىنى ھۈجەيرىسىنى رەقەملەشتۈرۈشتۇر. بىز رەقەملىك ماترىتسا ئارقىلىق ھەربىر ھۈجەيرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلىيەلەيمىز ھەم ئۇلارنى سىستېمىلىق تۈرگە ئايرىيالايمىز. بىز تەتقىقاتىمىزدا قىسمەن ئېنىقسىز ھۈجەيرە تۈرلىرىگە ئېنىقلىما بەردۇق ھەم بەزى ئالاھىدە گېن ئىپادىلەش ئەندىزىسىنى بايقىدۇق»، دەپ تونۇشتۇردى گو گوجى. بۇ خەرىتە ئارقىلىق، كوللېكتىپ چوڭلارنىڭ كۆپ خىل ئېپىتېلىيە، ئىچكى تېرىسى ۋە ئاساسىي ماددا ھۈجەيرىسىنىڭ توقۇلمىلار ئارىسىدا ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرە رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، دەۋر ھالقىغان، توقۇلما ھالقىغان ۋە تۈر ھالقىغان ھۈجەيرە خەرىتىسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، كوللېكتىپ يەنە ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھۈجەيرە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مېخانىزمنى ئېچىپ بەردى: يەنى ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشى قالايمىقانچىلىقتىن تەرتىپلىك ھالەتكە ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ