مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەمگەك تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى

(2020-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى)

2020.03.27 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەيدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، يېڭى دەۋردىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەمگەك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، يېڭى دەۋردە سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەشنىڭ ئەمگەك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە بولغان يېڭى تەلىپىنى تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەك

  (بىرىنچى) زور ئەھمىيىتى. ئەمگەك تەربىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تۈزۈمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنىڭ ئەمگەك مەنىۋى قىياپىتى، ئەمگەك قىممىتىگە بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئەمگەك ماھارىتى سەۋىيەسىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، جايلار ۋە مەكتەپلەر مائارىپ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئادەم تەربىيەلەش جەھەتتە بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلىمەيدىغان، ئەمگەك قىلىشنى خالىمايدىغان، ئەمگەك قىلىشنى بىلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى، ئەمگەكنىڭ ئۆزىگە خاس ئادەم تەربىيەلەش قىممىتى مەلۇم دەرىجىدە ئېتىبارسىز قارالدى، ئەمگەك تەربىيەسى سۇسلاشتى، ئاجىزلاشتى. بۇنىڭغا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

  (ئىككىنچى) يېتەكچى ئىدىيەسى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەر قايسى ئۆگىنىش باسقۇچلىرىغا، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئەخلاق تەربىيەسى، ئەقلىي تەربىيە، تەنتەربىيە، گۈزەللىك تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئەمگەك تەربىيەسى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەربىيە ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ