مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇ چۈنخۇا: تور ئارقىلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.03.26 17:49 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇ چۈنخۇا 25- چېسلا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىغا بېرىپ، «يۈز كۈندە ئون مىليون كىشىنى توردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى»نىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، توردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  خۇ چۈنخۇا «يۈز كۈندە ئون مىليون كىشىنى توردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يۈز كۈنلۈك مەخسۇس ھەرىكىتى» سۇپىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. جياڭسۇ ئۆلكىسى، چۇڭچىڭ شەھىرى، جېليەن تەكلىپ قىلىش سۇپىسى ۋە 58 توڭچېڭ شىركىتى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەمگەك كۈچلىرىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە توردا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ۋە دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەر قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ