مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى» بېسىلدى (ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك)

2020.03.26 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دەل جايىدا، تەرتىپلىك، پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم، بايلىقلارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنىڭ ئورگانىك جىپىسلىشىشى، ئىچكى-تاشقى سودىنىڭ ئۈنۈملۈك راۋانلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن خەۋپ-خەتەر، خىرىس ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈپ، ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتتى.

  يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر «ئىككى قولدا تۇتۇپ، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەي»، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىش تەرتىپىنى تېز ئورناتتى؛ ھەر ساھە، ھەر كەسىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، رايونغا، دەرىجىگە ئايرىش، تۈرگە، ۋاقىتقا ئايرىشتەك پەرقلىق بولغان تەدبىرلەرگە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈردى.

  جۇڭگو زېمىنى باھار تۈسىگە كىرىپ، ھەممە جاي ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قەدىمى تېزلىتىلدى __

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىنىڭ بىر قەۋەتلىك ئۆي رايونىدا 45 نەپەر بىرىنچى سەپ سودىگىرىدىن تەشكىللەنگەن «زاۋۇتتا تۇرۇش خادىمى» ئەترىتى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە 24 سائەت مۇلازىمەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 47 ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىغا قارىتا مەخسۇس قوشۇن تەشكىللەپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ زىيارەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئەنگە ئالدۇرۇشنى تاماملىشىغا بىرمۇبىر يېتەكچىلىك قىلىپ ھەمكارلاشتى. 3-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، بىر قەۋەتلىك ئۆي رايونىدىكى 211 كۆلەملىك سانائەت كارخانىسىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %97.6كە يەتتى.

  تيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا، كۆلەملىك كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

  يۇقۇم تەسىرىدە، شىنجاڭدىكى كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرى تىجارەتتە بىر قىسىم مەسىلىلەرگە ئۇچرىدى، قانداق قىلىش كېرەك؟

  2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، بىڭتۇەن 8-شى شىخەنزە شەھىرى تەۋەلىكىدىكى 134 كۆلەملىك كارخانىنىڭ 1000دىن ئارتۇق شىنجاڭ سىرتىدىكى ئالىي باشقۇرغۇچى، ئوتتۇرا قاتلام ۋە تېخنىك تايانچ خادىملىرىنى شىنجاڭغا قايتىش، ئىش ئورنىغا قايتىشقا تەشكىللىدى. ئاپتوموبىل بېكىتىش، شوپۇر بېكىتىش، يول خەرىتىسى بېكىتىش يېشىل مەخسۇس يولدىن ئىبارەت «ئۈچنى بېكىتىش، بىر يول ئېچىش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، شىخەنزە شەھىرى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى توسىماسلىق، تەكشۈرمەسلىك، ھەق ئالماسلىق، ئالدىن ئۆتكۈزۈش بويىچە «ئۈچنى قىلماسلىق، بىرگە ئالدىن يول بېرىش» يولى ئاچتى، يەنە يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئالتە سانائەت كارخانىسىنىڭ 1 مىليارد 360 مىليون يۈەن قەرز پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ماسلاشتۇردى.

  3-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە، پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش قاتارلىق ئامىللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شىخەنزە شەھىرىدىكى كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %100كە يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ