مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ترامپنىڭ «جۇڭگو ۋىرۇسى» دېگەن سۆزنى ئەمدى ئىشلەتمەيمەن، دېگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى

2020.03.26 17:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ «جۇڭگو ۋىرۇسى» دېگەن سۆزنى ئەمدى ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلدىم، دېگەنلىكىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 25-مارت قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا: ۋىرۇس دۆلەت چېگراسى ئايرىلمايدۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى كۆپ قېتىم شەرھلەپ، جۇڭگونىڭ نامىنى بۇلغايدىغان سۆزلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغان پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى، بۇ مەيدان ئۆزگەرمىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ۋىرۇس دۆلەت چېگراسى، ئىرق ئايرىمايدۇ، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئورتاق تىرىشقاندىلا ئاندىن غەلىبە قىلالايدۇ. نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيادىكى نۇرغۇن جايدا يۈز بېرىپ، تېز سۈرئەتتە يامراۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ