مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مالىيە كىرىم-چىقىم سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىندى

مەركەز مالىيەسى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار 25 مىليارد 750 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى

2020.03.25 17:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 1-، 2-ئايلىق مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-، 2-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 3 تىرىليون 523 مىليارد 200 مىليون بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.9 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 1 تىرىليون 724 مىليارد 200 مىليون بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.2 تۆۋەنلىگەن؛ يەرلىكنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت شۇ دەرىجىلىك كىرىمى 1 تىرىليون 799 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 تۆۋەنلىگەن. مەملىكەت بويىچە باج كىرىمى 3 تىرىليون 117 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.2 تۆۋەنلىگەن؛ باجدىن باشقا كىرىم 405 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.7 ئاشقان. 1-، 2-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 3 تىرىليون 235 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.9 تۆۋەنلىگەن.

  مالىيە كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش راسخوتى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچنى كاپالەتلەندۈرۈش» چىقىمى بىر قەدەر ياخشى كاپالەتلەندۈرۈلگەن. 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە، مەركەز مالىيەسى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار 25 مىليارد 750 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش، تېببىي خادىملارغا تولۇقلىما تارقىتىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە كەمچىل ماددىي ئەشيالارنى تەييارلاش، دورا ۋە ۋاكسىنىلارنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قوللىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ