مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 250 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتتى

قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

2020.03.25 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يېقىندا «مەركەز مالىيەسىنىڭ 2020-يىللىق مەخسۇس ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسىدىن 250 مىليون يۈەن مەخسۇس ياردەم مەبلىغى ئاجراتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ياردەم مەبلىغى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىغا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، جايلار تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مەبلەغ ئاجرىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ياردەم بېرىش مەركىزىدىن قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئائىلىلىرىگە ۋاقتىدا تارقىتىپ بېرىشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئارخىپ تۇرغۇزغان ئېغىر قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تولۇق تارقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تولۇق قاپلاش، جايىدا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دائىملىق ياردەم بېرىشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يەرلىك مالىيە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتى، جەمئىيەت ئىئانىسى قاتارلىق يانداش مەبلەغ غەملەشنى كۈچەيتىپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئېغىر قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن مەزگىلدىكى تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىپ تارقىتىپ، تولۇقلىما ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش لازىم؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بىر يىل ئىچىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تارقىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش لازىم. كۆپەيتىپ تارقىتىش ئۆلچىمى ۋە كۆپەيتىپ تارقىتىش ئوبيېكتلىرىغا قارىتا، بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىپ، ئالاقىدار تەرتىپلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قايتا قىيىنچىلىقتا قېلىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قۇتقۇزۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇشنىڭ قاپلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىشقا ئورۇنلاشقىلى بولمىغان، كىرىمى تۆۋەنلەپ ئاساسىي تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ پاناھلاندۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ باشقا ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمى ۋاقتىنچە تېخى قاپلىمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ۋاقىتلىق ياردەم بېرىش كېرەك. ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېببىي خادىملار، قۇتقۇزۇش خادىملىرى، ج خ كادىر- ساقچىلىرى، ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار مۇلازىمەتچىلىرى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش 1-سېپىدىكى خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە پىسخىكىلىك يېتەكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ