مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 8737 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2020.03.25 17:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى 24-مارت مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2-ئايدا مەملىكەت بويىچە (خۇبېينى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 8737 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 13 مىڭ 463 ئادەمگە چارە كۆرۈلدى، 6013 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي چارە كۆرۈلدى. پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي چارە كۆرۈلگەن كادىرلار ئىچىدە ۋىلايەت-نازىر دەرىجىلىك كادىر 53 نەپەر، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك كادىر 386 نەپەر، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كادىر 5574 نەپەر بولدى.

  2-ئايدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 8737 مەسىلە ئىچىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ-چوڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا قىل دېگەننى قىلماي، قىلما دېگەننى قىلغان ياكى شوئار توۋلىشى كۆپ، ھەرىكىتى ئاز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچار، ئەمەلىيەتتىن، ئاممىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان مەسىلە 648 قېتىم؛ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغاننى قالايمىقان قىلىش، قىلىدىغاننى يالغاندىن قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش مەسىلىسى 4467 قېتىم؛ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا پاسسىپ تاقابىل تۇرۇش، سوغۇق مۇئامىلە قىلىش، زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىش، ئۈنۈم تۆۋەن بولۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇش مەسىلىسى 188 قېتىم؛ ھۆججەت، يىغىن قايتا كۆپىيىش، يېزىقچىلىق ئىستىلى، يىغىن ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق، ھەيدەكچىلىك، تەكشۈرۈش زىيادە كۆپ بولۇش، زىيادە ئىز قالدۇرۇش، ئاساسىي قاتلامغا ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىش مەسىلىسى 32 قېتىم؛ باشقا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسى 1148 قېتىم بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ