مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچ تارماق: ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك

2020.03.25 17:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 23- چېسلا بىرلىكتە «سودا ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ قايتا تىجارەت قىلىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. ئاپتوموبىل كەسپىگە قارىتا، «ئۇقتۇرۇش»تا ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەمدە جايلاردىكى سودا مەسئۇل تارماقلىرى يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى، ئاپتوموبىل «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ياردەم پۇلى، يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شەھەرگە كىرىش چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىككىنچى قوللۇق ئاپتوموبىل قولايلىق سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتوموبىل سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان رايونلاردىكى سودا مەسئۇل تارماقلىرى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ توردا قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سودا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سىياسەت-تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا بولغان تەسىرىنى يېنىكلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلارنىڭ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش كۆرسەتكۈچىنى كۆپەيتىش ۋە ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان «سانائەت خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»دىمۇ ئاپتوموبىل قاتارلىق ئەنئەنىۋى چوڭ ئىستېمالنى پائال مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا چەك قويۇلغان رايونلارنى ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى نورمىسىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، ئاپتوموبىل ۋە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ