خۇبېي يۈنياڭ: ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كىشىلەرنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش

2020.03.25 17:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 24- كۈنى،خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شېيەن شەھىرى يۈنياڭ رايونى ياڭشىپۇ بازىرى چىڭلۇڭچۈەن مەھەللىسىدىكى "ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكا پايپاقچىلىقى" ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەھەلىسىدە، ئىشچىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق پايپاق ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلدى.

  خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىيەن شەھىرى يۈنياڭ رايونى ياڭشىپۇ بازىرى چىڭلۇڭچۈەن مەھەللىسى ئەسلىدە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش مەھەللىسىگە تەۋە بولۇپ، شۇ مەھەللىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكا پايپاقچىلىقى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سېخى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگەنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، 3- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئەسلىدىكى 191 ئىشچىنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشقا چۈشتى. بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە يۇرتىغا قايتقان بىر قىسىم خادىملار يېقىن ئەتراپتا ئىشلەمچىلىك قىلىشنى تاللىدى، پايپاقچىلىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەيدىغان بۇ سېختا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 234 ئىشچى ئىش ئورنىغا چىقتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۈنياڭ رايونى جېجياڭدىن پايپاقچىلىق كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەيدىغان قىسمەن ئاھالە زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا پايپاقچىلىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن 17نى قۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ