خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى تەدرىجى ئەسلىگە كەلمەكتە.
ۋۇخەندىكى مېترولار ۋە ئاممىۋى ئاپتوبۇس سىستېمىسى ئەمدى ئەسلەھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە يولۇچىلارنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىككى ئۆلچەملىك كود چاپلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارلىق قىلدى.ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 3- ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە، پۈتۈن ۋۇخەن شەھىرىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە ئىلگىرى پەقەت يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىلا قوبۇل قىلغان دوختۇرخانىلار ۋە ئامبولاتۇرىيەلەر 55كە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈچ دوختۇرخانا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى ۋە غەيرىي تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا داۋالىغان. مۆلچەرلىنىشىچە، 31- مارتتىن بۇرۇن، ۋۇخەن شەھىرىدىكى بارلىق دوختۇرخانىلار ئىلگىرىكى نورمال داۋالاش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى داۋالايدىغان نۇقتىلىق دوختۇرخانىدىن پەقەت ئونىلا ساقلاپ قېلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ