مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

1- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 182 مىڭ توننا داۋالاش تاشلاندۇقلىرى بىر تەرەپ قىلىندى

2020.03.25 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 3- ئاينىڭ 21- كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى كۈنىگە 6066.8 توننا بولغان بولۇپ، بۇ، يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى كۈنىگە 4902.8 توننا بولۇشتىن يەنىمۇ ئېشىپ، ھازىرقىدەك كۈنىگە 1164.0 توننىغا يۈكسەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، خۇبېي ئۆلكىسىدە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى كۈنىگە 180 توننا بولۇشتىن يەنىمۇ ئېشىپ، ھازىرقىدەك كۈنىگە 667.4 توننا بولۇشقا يەتكەن، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ئىقتىدارى يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى كۈنىگە 50 توننا بولۇشتىن يەنىمۇ ئېشىپ، ھازىرقىدەك كۈنىگە 265.6 توننا بولۇشقا يەتكەن. 1- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 182 مىڭ توننا داۋالاش تاشلاندۇقلىرى بىر تەرەپ قىلىنغان.

  31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە ھازىر نۇقتىلىق دوختۇرخانىلاردىن جەمئىي 2617سى، مەركەزلەشتۈرۈپ ئايرىش ئورۇنلىرىدىن جەمئىي 5278سى، داۋالاش يۇندىلىرىنى يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان شەھەر-بازارلار يۇندا بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىدىن 2076سى بار بولدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جەمئىي ئۈچ چوڭ تۈردىكى 346 مەسىلە بايقالغان بولۇپ، ھەممىسى ئۆزگەرتىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە داۋالاش يۈندىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مۇقىم ۋە تەرتىپلىك بولۇپ، دېزىنفېكسىيە قىلىش تەدبىرلىرى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. 1- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 21- كۈنىگىچە ئىچىملىك سۇ مەنبەلىرى 21 مىڭ 399 قېتىم تەكشۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئىچىملىك سۇ مەنبەلىرىنىڭ سۈپىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش ئەھۋالى بايقالمىدى. ئىچىملىك سۇ مەنبەلىرىدە 3667 قېتىم قالدۇق خلور ماددىلىرى كۆزىتىپ تەكشۈرۈلدى ۋە 147 قېتىم قالدۇق خلور ماددىلىرى تەكشۈرۈپ چىقىلدى، ئەمما ئۇ ماددىلارنىڭ سۇ تەركىبىدىكى قويۇقلۇق دەرىجىسى تۇرۇبا سۈيى زاۋۇتىنىڭ سۇ چىقىرىش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولدى (لىتىر/ مىللىگرام 0.3). خۇبېي ئۆلكىسىدە ئىچىملىك سۇ مەنبەلىرى 1107 قېتىم كۆزىتىلىپ ئۆلچەندى، نەتىجىدە، سۇ سۈپىتى 3- تۈردىكى ئۆلچەمگە يەتتى ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ