مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوڭ جېڭ شاڭخەي شەھىرىنىڭ مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولدى (رەسىم ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالى)

2020.03.24 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئازادلىق گېزىتى»نىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 23- مارت چۈشتىن بۇرۇن، شاڭخەي شەھەرلىك 15- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىدا يىڭيۇڭنىڭ شاڭخەي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، گۇڭ جېڭنى شاڭخەي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى قىلىپ تەيىنلەشنى قارار قىلدى.

  يولداش گۇڭ جېڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  گۇڭ جېڭ، ئەر، 1960- يىلى 3- ئايدا تۇغۇلغان، خەنزۇ. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرىدىن، كومپارتىيە ئەزاسى، 1982- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى.

  ئىلگىرى تاموژنا باش مەھكىمىسى مەھكىمە باشلىقى ئىشخانىسىنىڭ باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كاتىپى، تيەنجىن تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك تاموژنا ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى تەييارلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تاموژنا باش مەھكىمىسى كەسپىي قېلىپلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، سىياسەت-قانۇن-نىزام مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، شېنجېن تاموژنىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خاڭجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە ئۆلكە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

  ھازىر، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولدى.

  يولداش گوڭ جېڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ