مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جايلار ئەتىيازلىق ئوسىنى ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ باردى

2020.03.24 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 23-كۈنى سۇچىلىق مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەتىيازلىق ئوسا ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلغان، 3-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە، 17 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردىكى 157 چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونى ئەتىيازلىق ئوسىنى باشلىغان. سۇغىرىش رايونىدىكى تۇپراقنىڭ نەملىك ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىدىغان سۈيى ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈلگەن.

  ھازىر ئەتىيازلىق ئوسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كۈزگى بۇغداي رايونى بولۇپ، ئاساسلىقى شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې-خۇەيخې-خەيخې تۈزلەڭلىكى رايونلىرىدا ئىكەن، بۇ جايلاردىكى خېبېي، سەنشى، شەندۇڭ، خېنەن، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەر خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى چوڭ-ئوتتۇرا سۇغىرىش رايونىغا باشلاپ سۇغىرىشنى باشلىغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر 45 مىليون مودىن ئارتۇق ئېتىز سۇغىرىلىپ، سۇ باشلان مىقدارى 5 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىر بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى سۇغىرىش رايونلىرى 23 مىليون مودىن ئارتۇق ئېتىزنى سۇغىرىپ، سۇ باشلاش مىقدارى 2 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، غەربىي جەنۇبىي رايونىدىكى چۇڭچىڭ، سىچۈەن، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى ئاز بىر قىسىم سۇغىرىش رايونلىرى ئەتىيازلىق ئوسىنى باشلىغان. باشقا جايلاردىكى سۇغىرىش رايونلىرى ئاساسلىقى سۇ ساقلاش، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى، تۇپراقنىڭ نەملىكى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن سۇغىرىش رايونلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، سۇغىرىش-زەي سۇنى چىقىرىش قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈش، ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەن.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ ئەتىيازلىق ئوسا پىلانى بويىچە قاپلاش كۆلىمى 200 مىليون مو، ئەتىيازلىق ئوسا پىلانىدىكى سۇ باشلاش مىقدارى 40 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىر ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ