مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مەنزىلى بېيجىڭ بولغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى تەڭشەش ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى، قوبۇل قىلىدىغان جايلارنىڭ تاموژنىسى تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىدى، دېدى

2020.03.24 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ، مەنزىلى بېيجىڭ بولغان بارلىق خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلار چوقۇم چېگرادىن كىرىش بىرىنچى نۇقتىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن 12 ئورۇندىن چېگرادىن كىرىشى كېرەككەن. ھازىر، پايتەخت ئايروپورتىنىڭ خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى تەڭشەپ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولغان، قوبۇل قىلىدىغان 12 جاينىڭ تاموژنىسى تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىگەن.

  پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چېگرادىن كىرىش بىرىنچى نۇقتىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن 12 ئورۇننىڭ تيەنجىن، شىجياجۇاڭ، تەييۈەن، كۆكخوت، شاڭخەي پۇدۇڭ، جىنەن، چىڭداۋ، نەنجىڭ، شېنياڭ، داليەن، جېڭجوۋ، شىئەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئايلىنىشنى نازارەت قىلىش، تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈن شاۋخۇا مۇنداق دېدى: پايتەخت ئايروپورتى چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى. 3-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ مەنزىلى بېيجىڭ بولغان يەتتە خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆكخوت، تيەنجىن، تەييۈەنگە تەڭشىلىپ، تەڭشەلگەندىن كېيىن ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى.

  تاموژنا باش مەھكىمىسى سەھىيە كارانتىن قىلىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ يۆچيەن مۇنداق دېدى: تاموژنا باش مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە كەسپىي خادىملارنى ئالاقىدار تاموژنا بىرىنچى سېپىگە ياردەم بېرىشكە جىددىي يۆتكەپ تەقسىملەپ، تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتتى ھەم بىرىنچى سەپ كاپالىتىنى كۈچەيتتى. ھازىرغىچە، بىۋاسىتە قاراشلىق تۆت تاموژنا 11 ئايروپىلان قېتىم چېگرادىن كىرىپ تارقاقلاشتۇرغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا قارىتا چېگرادىن كىرىش كارانتىن قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ تەكشۈرۈش، ئۈچ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، بىر يۆتكەپ توشۇش»نى قەتئىي يولغا قويۇپ، «تۆت تۈرلۈك كىشىلەر»نى بايقىغان ھامان، بارلىق ئەۋرىشكىنى ئېلىپ تەكشۈرۈشكە يوللىغاندىن كېيىن بىرىنچى ۋاقىتتا يەرلىكتىكى بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ