مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چىڭمىڭ بايرىمىدا ھەرقايسى جايلار ئاممىۋى خاراكتېرلىك قەبرە سۈپۈرۈش پائالىيەتلىرىنى توختىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2020.03.24 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 2020-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق قەبرە سۈپۈرۈش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى جايلاردىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، كوللېكتىپ تەزىيە بىلدۈرۈش، جەسەت كۈلىنى دېڭىزغا چېچىش، ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېردىكى دەپنە مۇراسىمى قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى كېچىكتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش شارائىتى ھازىرلىمىغان جەسەت كۈلىنى ساقلاش ئورۇنلىرىنىڭ قەبرە سۈپۈرۈش مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىللىق چىڭمىڭ بايرىمى دەل پۈتۈن مەملىكەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىگە توغرا كەلدى، ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشىمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئالدىنقى شەرتىدە ئاممىنى كۆپ خىل شەكىلدىكى قەبرە سۈپۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاسان قولغا كەلمىگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئاممىنىڭ قەبرە سۈپۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار نەق مەيداندا قەبرە سۈپۈرۈشنى باشقۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، قەبرە سۈپۈرۈش نەق مەيدانىنىڭ بەرداشلىق بېرىش مىقدارىنى ئىلمىي بېكىتىپ، ماددىي ئەشيا زاپىسى ۋە كۈچنى يۆتكەپ تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەشنى ياخشى ئىشلەپ، قەبرە سۈپۈرگۈچى خادىملارنىڭ ئېقىم مىقدارىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ۋە كۆزىتىپ ئۆلچەپ ئاگاھلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قەبرە سۈپۈرگۈچىلەرنىڭ شەخسىي مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ يىغىلىشى ۋە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ