مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى

بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغى نەقلەشتۈرۈلدى

2020.03.24 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان 90 نامرات خوشۇن-ناھىيە ئىچىدە پەقەت شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى قاراقاش، لوپ ناھىيەلىرىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىدى. يېقىندا ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020-يىلى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغىنى نۇقتىلىق ھالدا قاراقاش ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى ۋە ئىككى ناھىيەدىكى نامراتلىشىش نىسبىتى %10تىن ئاشقان 118 كەنتكە مايىللاشتۇرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 714 مىليون 510 مىڭ يۈەنلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغى يېقىندا نەقلەشكەن. 2020-يىلى بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 110 نى يولغا قويۇش پىلانلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇلىدىغان تۈر 17 بولۇپ، 100 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ يېڭىدىن 93 تۈر قۇرۇلىدىغان بولۇپ، 614 مىليون 10 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  ئىگىلىنىشچە، بېيجىڭ شەھىرىدىن 10-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار يېقىندا تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ شىنجاڭغا كېلىدىكەن. يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار مۇددەتتىن بۇرۇن رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە مەبلىغىنى پائال توپلاپ، خوتەن ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 14- شىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە ياردەم بەرگەن.

  يېقىندا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابى ھەر قايسى رايونلار ۋە خوتەننىڭ ھەر قايسى ناھىيە، شەھەر، بىڭتۈەننىڭ تۈەن-مەيدانلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، 2020-يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانى ۋە قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلىدىغان تۈرلەرنى قايتا قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ