مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پىراۋا مۇددىتى توشقاندا ئالدى بىلەن كىنىشكا ئالماشتۇرۇپ، ئىسپاتنى كېيىن تولۇقلاشقا بولىدۇ

2020.03.24 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈنۈگۈن يېڭى تەدبىر ئېلان قىلدى: پىراۋا مۇددىتى توشقان، لېكىن ۋاقتىنچە سالامەتلىك ئەھۋالى ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىيەلمىگەن شوپۇرلارغا قارىتا، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالدى بىلەن شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇپ، شوپۇرلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سالامەتلىك ئىسپاتىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. بۇ تەدبىر «كەملىكنى سىغدۇرۇپ» بېجىرىش دەپ ئاتىلىدۇ.

  قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، پىراۋا مۇددىتى توشۇپ كىنىشكا ئالماشتۇرۇشنى بېجىرىدىغان شوپۇرلار ئالاقە تورى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى ياكى يان تېلېفون ئەپ دېتال سۇپىسى ئارقىلىق «كەملىكنى سىغدۇرۇپ» كىنىشكا ئالماشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرسا بولىدىكەن، سالامەتلىك ئەھۋالى ئىسپاتى بىلەن ۋاقتىنچە تەمىنلىيەلمەيدىغانلار ۋاقتىنچە تاپشۇرمىسا بولىدىكەن، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئارقا سۇپىدا تەكشۈرۈپ گۇۋاھنامە تەييارلايدىكەن، گۇۋاھنامىنى پوچتا تارماقلىرى پوچتىدىن ئەۋەتىدىكەن. شوپۇرلار پىراۋا مۇددىتى توشۇپ كىنىشكا ئالماشتۇرۇش كەسپىنى «كەملىكنى سىغدۇرۇپ» بېجىرگەندىن كېيىن، 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن سالامەتلىك ئەھۋالى ئىسپاتىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ