مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى داۋاملىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋا رايىدىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

2020.03.24 16:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 24-مارت سائەت بەشتە داۋاملىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋا رايىدىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.

  مۆلچەرلىنىشىچە، 24-مارت سائەت 8 دىن 25-مارت سائەت 8 گىچە، يۈننەننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، سىچۈەننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، گۇاڭشىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسمى، چۇڭچىڭنىڭ شىمالىي قىسمى، ئەنخۇينىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 8 بالدىن 10 بالغىچە گۈلدۈرمامىلىق بوران ياكى مۆلدۈرلۈك ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن. يۈننەننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، سىچۇەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى، چۇڭچىڭ، گۈيجوۋنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمى، خېنەننىڭ جەنۇبىي قىسمى، خۇبېينىڭ شەرقىي قىسمى، خۇنەن، جياڭشى، گۇاڭشىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى، گۇاڭدۇڭنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن بولىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، سائەتلىك يامغۇر مىقدارى 20 مىللىمېتىردىن 40 مىللىمېتىرغىچە بولىدىكەن، قىسمەن جايلاردا 50 مىللىمېتىرغا يېتىدىكەن. كۈچلۈك كونۋېكسىيەنىڭ ئاساسلىق يۈز بېرىش ۋاقىت بۈگۈن كېچە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ