مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

يۇقۇم مۇداپىئەسى شارائىتىدا ئەتىيازلىق ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش خىزمىتىنى پائال، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.03.24 16:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يۇقۇم مۇداپىئەسى شارائىتىدا ئەتىيازلىق ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش خىزمىتىنى پائال، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇم مۇداپىئەسى شارائىتىدا بۇ يىللىق ئەتىيازلىق ئورمان بىنا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە زۇڭلى لى كېچياڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ تەستىقىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەتىيازلىق ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش خىزمىتىنى پائال، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، يىللىق نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشنى پائال، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش — ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13-بەش يىللىق» ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى ئومۇميۈزلۈك قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش خىزمىتىنى پائال، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش تەلىپى بويىچە ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، رايونلارغا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئەتىيازلىق ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش خىزمىتىنى پائال، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلار ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى كېرەك؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەۋپ- خەتەردىكى رايونلار ۋاقىتنى گىرەلەشتۈرۈپ ئىش باشلاش، يۇقىرى پەللىدىن چەتنەپ مەشغۇلات قىلىش، تارقاق قۇرۇلۇش قىلىش، ئەتىيازلىق ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىشنى بىخەتەر، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مەشغۇلات لايىھەلەشنى تەستىقلاش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەستىقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، يولغا قويۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك. ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنى، بولۇپمۇ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنى شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئۈستىگە ئېلىشقا تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىشكە تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ