مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇبېي ئۆلكىسىدە: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گېرىپتار بولغانلىقىغا دىئاگنوز قويۇلغان نامرات ئاھالىلەردىكى ھەر بىر كىشىگە 10 مىڭ يۈەندىن ياردەم پۇلى بېرىلدى

2020.03.23 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خۇبېي ئۆلكىسى نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇبېي 12 تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان نامرات ئائىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بەرگەن. خۇبېي ئۆلكىسىدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بارلىق نامرات ئاھالىلەردىكى ھەر بىر ئادەمگە 10 مىڭ يۈەندىن ياردەم بېرىش مەبلىغى ئۆلچىمى بويىچە ياردەم بېرىلىدۇ، نۆۋەتتە ئۇ ياردەم پۇللىرى ياردەم بەرگۈچى تەرەپنىڭ جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتى بىلەن ماسلىشىپ تارقىتىشى بىلەن تەدرىجىي تارقىتىلماقتا.

  ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئاساسىي تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ۋە ئىگە-چاقىسىز كىشىلەر، ئېغىر مېيىپلار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ئۇ ياردەم مەبلىغىنى تارقىتىشتا، ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇشتەك شەكىل ئارقىلىق ۋە مەخسۇس ئادەم كېپىل بولۇشتەك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ياردەم ئوبيېكىتلىرىنىڭ گۈرۈچ، ئۇن، ماي، كۆكتات، كىيىم-كېچەك، يوتقان-كۆرپە قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ