مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى قاتارلىق بەش تارماق ئۇقتۇرۇش چىقاردى

بېيجىڭغا كىرىدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلار بەلگىلەنگەن 12 شەھەر چېگراسىدىن كىرىدۇ

2020.03.23 17:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق بەش تارماق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: 3-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 0دىن (بېيجىڭ ۋاقتى) باشلاپ، مەنزىلى بېيجىڭ بولغان خەلقئارادىن يولغا چىققان بارلىق يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى چوقۇم تيەنجىن، شىجياجۇاڭ، تەييۈەن، كۆكخوت، شاڭخەي پۇدۇڭ، جىنەن، چىڭداۋ، نەنجىڭ، شېنياڭ، داليەن، جېڭجوۋ، شىئەندىن ئىبارەت بەلگىلەنگەن 12 بىرىنچى چېگرادىن كىرىش نۇقتىسىدىن چېگرادىن كىرىدۇ.

  ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى بېكىتكەن بىرىنچى چېگرادىن كىرىش نۇقتىسىنى پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. يۇقىرىقى خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچىلار بىرىنچى چېگرادىن كىرىش نۇقتىسىدا كارانتىن قىلىش ھەم چېگرادىن كىرىش رەسمىيىتى، يۈك-تاقلىرىنىڭ تاموژنا رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ. كارانتىن قىلىپ ئايروپىلانغا چىقىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يولۇچىلار ئەسلىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا كىرسە بولىدۇ. ئامبار بۆلمىسىدىكى ماللار بېيجىڭدا تاموژنا رەسمىيىتىنى ئۆتەيدۇ.

  مەنزىلى بېيجىڭ بولغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلار بېكىتكەن بىرىنچى چېگرادىن كىرىش نۇقتىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئالاقىدار تەدبىرلەر يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ۋاقتىدا تەڭشىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ