مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى نۇقتىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %88كە يەتتى

2020.03.23 17:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدا يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى نۇقتىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %88كە يەتكەن، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى دۇكانلىرىنىڭ تىجارەت قىلىش نىسبىتى %90كە يەتكەن. مەملىكەت بويىچە 4/1 قىسىم ئۆلكىلەردىكى دۇكان ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %100كە يېتىپ، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ئادەتتىكى سەۋىيەگە يەتكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنى توشۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۈرلۈك توسۇق نۇقتا ۋە چازا نۇقتىلارنىڭ ئېلىپ تاشلاشقا تېگىشلىكلىرىنى ئېلىپ تاشلاش، راۋانلاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەشيالىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى يۆتكەپ توشۇشنى جىددىي توشۇش يېشىل يول سىياسىتىگە كىرگۈزۈپ، توشۇش كارخانىلىرى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە خادىملارنى توشۇش ئاپتوموبىل يول خېتى»نى بېسىپ چىقىرىپ، توشۇش ئاپتوموبىلىنى توختاتماسلىق، تەكشۈرمەسلىك، ھەق ئالماسلىقنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئالدىن ماڭغۇزغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ