مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو تېبابىتىنىڭ چەت ئەلگە يېتىپ بېرىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا پايدىسى بولدى

2020.03.23 17:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۈتۈن دۇنيادا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن «يۇقۇملۇق كېسەل»گە تاقابىل تۇرۇشنىڭ 1- سېپىگە ئاتلاندى. جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى كۈچلۈك تەدبىرىنى كۆرۈپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك نەتىجىلىرىنى تونۇپ يەتتى، ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن ۋەتەن (ئانا يۇرت)تىكى ئۇسۇللارنى ئۆگىنىپ ۋە چارە تېپىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتە جۇڭگونىڭ «يۇقۇملۇق كېسەل»گە تاقابىل تۇرۇشتىكى تەجرىبىسى ۋە لايىھەسىدىن قىزغىن بەھرىمەن بولدى. ئۇلار جۇڭگونىڭ «يۇقۇملۇق كېسەل»گە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇردى، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى.

  جۇڭگونىڭ «يۇقۇملۇق كېسەل»گە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىۋاتقان پەيتتە چەت ئەلدە يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشى كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى. چەت ئەلدە ئارقا-ئارقىدىن بىر بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىققان داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىلىرى جۇڭگونىڭ «يۇقۇملۇق كېسەل»گە تاقابىل تۇرۇشتىكى تەجرىبىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشماقتا، تۈركۈم-تۈركۈملەپ توشۇلغان داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش ھەمدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق «چەت ئەلگە ئېلىپ بېرىلىپ»، «يۇقۇملۇق كېسەل»گە تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىلمەكتە، بىر-بىرلەپ مەيدانغا كەلگەن ئىنتېرنېتلەشكەن دوختۇرخانىلار پۈتۈن دۇنيادا تور ئارقىلىق بىمارنىڭ كېسەل تارىخىنى سوراپ دىئاگنوز قويۇشنى يولغا قويدى، ساندۇق-ساندۇقلاپ قاچىلانغان جۇڭيى دورىسى چاي خالتىلىرى ۋە جۇڭيى دورىسى دانچىلىرى ھەقسىز سوۋغا قىلىنماقتا. جۇڭگو يىراقتىن دېڭىز-ئوكيان ھالقىپ تۇرۇپ تورلىشىپ ياردەم بېرىپ، چەت ئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارغا ھەمدە شۇ جايدىكى ئاممىغا «يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش شورپىسى» ئاپىرىپ بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى. چەت ئەللەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىدا جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلىرى ۋە جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى شۇ جەڭ سېپىگە كىرىپ، كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ