مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈزىتىشنى كۆزىتىشتىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالى تولۇق ئېلان قىلىندى

2020.03.23 17:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- مارتقىچە، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3- نۆۋەتلىك كۆزىتىشىنى قوبۇل قىلغان 45 ئورۇننىڭ كۆزىتىلىش-تۈزىتىلىشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىندى.

  مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2019- يىلى 3- ئايدىن 6- ئايغىچە ئېلىپ بارغان 3- نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدە، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق مەركەز باشقۇرۇشىدىكى 42 كارخانىنىڭ ۋە گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق 3 ساھەنىڭ مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ پارتگۇرۇپپىلىرى (پارتكوملىرى)غا قارىتىلغان دائىملىق كۆزىتىش مەركەزلىك ھالدا قانات يايدۇرۇلغان ئىدى، ھەمدە 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 3- كۈنى شۇ كۆزىتىشنىڭ قايتما ئىنكاس ئەھۋالى مەركەزلىك ھالدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى بۇ يىل 20- مارتتىن 22- مارتقىچە، شۇ 45 ئورۇننىڭ كۆزىتىلىش-تۈزىتىلىشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلان قىلىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلدى. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدىن كېيىن، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنىڭ مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىلىشى تاماملاندى، ھەمدە بۇ كۆزىتىش بۆلىكى ئۆز نۆۋىتىدە 19- نۆۋەتلىك مەركەز كۆزىتىشى تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك قاپلانغان تۇنجى بۆلەك بولۇپ قالدى.

  تۈزىتىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتىن قارىغاندا، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن مەسىلىلەرگە قارىتا، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنىڭ پارتگۇرۇپپىلىرى (پارتكوملىرى) تۈزىتىش سۇبيېكتىلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلغان بولۇپ، ئۇلار تۈزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تۈزىتىشنىڭ نىشان-ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى قاتتىق سېلىشتۇرۇپ تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپكە يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسى ۋە سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىسىگە ئالغان. بەزىلەر «ئۈچ مۇھىم، بىر چوڭ» تەدبىر بەلگىلەش تۈزۈمى ۋە كېڭىشىش قائىدىسىنى تۈزىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن، ئۇ پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لار چوڭ ئىشلارنى باشقۇرۇش، چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى شىركەتنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىغا سىڭدۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن. بەزىلەر پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە «بىر ئىش ئورنى، ئىككى مەسئۇلىيەت»تىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تىزىملىكىنى تۈزۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، باھالاش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەمدە پاك بولۇشتا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان بەزى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىش، ئاساسىي قۇرۇلۇشتىكى تېخنىكا ئىسلاھاتى، سىرت بىلەن ھەمكارلىشىپ ھۆددىگە بېرىش، خېرىدار چاقىرىپ باھاسىنى سېلىشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ