مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ ساقچى تەرەپ يۇقۇمغا چېتىشلىق تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى دېلوسىدىن 63نى پاش قىلدى

2020.03.23 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقۇم مەزگىلىدە، ئالدامچىلار بىكار تۇرمىدى. يۇقۇم مەزگىلىدە بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئۈندىدار، QQ قاتارلىق تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى سېتىش ساختا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش، زاكاز چۈشۈرۈش خىزمىتى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئالداپ، قارماققا چۈشۈردى. بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ج خ، تەپتىش، سوت قاتارلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، زىيانلانغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن پۇل- مېلىنى ئالداپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزدى. بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر يۇقۇمغا چېتىشلىق تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقى دېلوسىدىن 63 ى پاش قىلىنغان بولۇپ، 85 جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشۈرۈلگەن، ئاممىنىڭ جەمئىي 130 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مال-مۈلۈك زىيىنىنىڭ ئالدى ئېلىنغان.

  توردا مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى سېتىش ساختا ئۇچۇرلىرىنى يوللاش ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىندىيېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان ماسكا، قوغدىنىش كىيىمى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياج شىددەت بىلەن ئاشتى، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇنى «سودا پۇرسىتى» دەپ بىلىپ، توردا ساختا سېتىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ ئالدامچىلىق قىلدى. بۇ خىل دېلولاردا جىنايەت گۇماندارلىرى ئادەتتە تور سودا سۇپىسى، ئۈندىدار، QQ، بەيدۇ مۇنبىرى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ساختا سېتىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ، زىيانلانغۇچىلار پۇل يۆتكىگەندىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارلىرى دەرھال پۇلنى ئېلىپ يوقاپ كېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ