مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت يادرو بىخەتەرلىكى ئىدارىسى خەيياڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى 2-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئايلىنىش ۋەقەسىنىڭ بىردەك 0- دەرىجىلىك ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

2020.03.23 16:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تورىنىڭ 22-مارتتىكى ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، دۆلەت يادرو بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى خەيياڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئايلىنىش ۋەقەسىنى تونۇشتۇرۇپ، «خەلقئارا يادرو ۋە رادىئاتسىيە ۋەقەلىرىنى دەرىجىگە ئايرىش قوللانمىسى»غا ئاساسەن، ئىككى قېتىملىق ۋەقەنىڭ ھەممىسى 0-دەرىجىلىك ۋەقە، يەنى «بىخەتەرلىك ئەھمىيىتى يوق» ۋەقە دەپ ئاتىدى.

  يېقىندا بەزى تاراتقۇلار دۆلەت يادرو بىخەتەرلىكى ئىدارىسى تور بېكىتى ئېلان قىلغان 3-ئاينىڭ 6-كۈنى خەيياڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئايلىنىش ۋەقەسىنى كۆچۈرۈپ تارقاتتى ۋە خەۋەر قىلدى.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت يادرو بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ دۆلەت يادرو بىخەتەرلىكى ئىدارىسى تور بېكىتى ئارقىلىق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئايلىنىش ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يادرو بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، 2019-يىلى 6-ئايدىن ھازىرغىچە، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن 19 قېتىملىق ئايلىنىش ۋەقەسى ئاشكارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە 2019-يىلى 14 قېتىم، 2020-يىلى بەش قېتىم يۈز بەردى.

  2020-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، خەيياڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2- نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدا ۋەقە يۈز بەردى. خەيياڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى «يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى يۈرۈشتۈرۈش ئورۇنلىرى دوكلات قىلىش تۈزۈمى»گە ئاساسەن، ئىككى ۋەقەنى ئايلىنىش ۋەقەسى دەپ بېكىتتى ھەمدە دۆلەت يادرو بىخەتەرلىكى ئىدارىسىگە ئايلىنىش ۋەقەسى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تاپشۇردى.

  بۇ مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىككى قېتىملىق ۋەقە جەريانىدا رادىئوئاكتىپلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، ئادەم رادىئاتسىيەلەنمىگەن، مۇھىت بۇلغانمىغان. «خەلقئارا يادرو ۋە رادىئاتسىيە ۋەقەلىرىنى دەرىجىگە ئايرىش قوللانمىسى»غا ئاساسەن، ئىككى ۋەقەنىڭ ھەممىسى 0- دەرىجىلىك ۋەقە بولۇپ، يەنى «بىخەتەرلىك ئەھمىيىتى يوق» ۋەقە، دەپ بېكىتىلگەن.

  بۇ مەسئۇل خادىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، 2017- يىلى، 2018-يىلى ۋە 2019-يىلى ھەر بىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىنىش ۋەقەلىرى مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 0.87، 0.89 ۋە 0.64 بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ 2.6، 2.1 ۋە 1.7 قېتىملىق مىقدارىدىن تۆۋەن بولغان، شۇنداقلا فىرانسىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولغان، بۇ، ئېلىمىزنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ سىجىل ئېشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ