جۇڭگونىڭ فرانسىيىگە ياردەم بېرىش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى پارىژغا يەتكۈزۈلدى

2020.03.19 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ 16- مارت جۇڭگو شاڭخەيدە تارتىلغان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ فىرانسىيەگە تەمىنلىگەن داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى. 3- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ فرانسىيىگە ياردەم بېرىش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى پارىژ دې گول ئايرودرومىغا يەتكۈزۈلدى. بۇ ماددىي ئەشيالار فىرانسىيەنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. ماددىي ئەشيالارنىڭ سىرتقى ئورالمىسىدىكى نەقىش بولسا، جۇڭگو ئويمىچىلىق سەنئەتكارى لو پېڭپېڭ لايىھەلىگەن تامغا بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى قۇتلۇق سۇمۇرغ بىلەن تىنچلىققا سىمۋول قىلىنغان كەپتەرنىڭ ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرۈشىدۇر. ئۇ، جۇڭگو-فرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ، بېيجىڭ تيەنتەن بىلەن پارىژ ئەيفەل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئۆزئارا نۇر چاچىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تامغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكىسى بولسا، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى شۇ ۋە خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ئالىم چياۋ جۇنىڭ «مىڭ چاقىرىملىق سەپەرداش، ئالتۇن-تاشتىن مۇستەھكەم» دېگەن مەشھۇر سۆزى ۋە فرانسىيەلىك ئەدىب ھيۇگونىڭ « UNIS NOUS VAINCRONS(ئىتتىپاقلىق چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ)» دېگەن مەشھۇر سۆزىدىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ