مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى خۇبېيدىن باشقا جايلار نورمال ۋاكسىنا ئەملەشنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى، دېدى

2020.03.18 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، خۇبېيدىن باشقا جايلار نورمال ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، خۇبېي ئۆلكىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالدىنقى باسقۇچتا، قىسمەن جايلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ۋاقتىنچە توختاتتى ياكى تەڭشىدى. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە پائال ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ھەر دەرىجىلىك سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز يېرىنىڭ ۋاكسىنا ئارقىلىق قاراتمىلىق ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەيدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: خۇبېيدىن باشقا جايلار ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. جايلاردىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تور ياكى تېلېفون ئارقىلىق كېلىشىپ ۋاكسىنا ئەملەشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سەۋەبلىك ۋاقتىدا ئەملەنمىگەن دۆلەت ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانىدىكى ۋاكسىنا ئەملەش تۈرى ۋە باشقا ۋاكسىنىلارنىڭ كېيىنكى قېتىملىق ئەملىنىشىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ۋاكسىنا ئەملەش ئامبۇلاتورىيەسى كۈندىلىك ئەملەش مىقدارىنى ئىلمىي بېكىتىپ، ئەملەش ۋاقىت بۆلىكىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەملەشتىن بۇرۇنقى ساقلاش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر قىسقارتىپ، ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن قالدۇرۇپ كۆزىتىلىدىغان خادىملارنىڭ توپلىشىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ