مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش كىرىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئورۇنلاشتۇردى

2020.03.18 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بەنگۇڭتىڭىغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، 2020-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش كىرىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىشنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بۇ قېتىمقى نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش ئاساسلىقى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىم سەۋىيەسى شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىم سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقتەك ئومۇمىي نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئومۇمىي نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش كىرىمىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىش ئەھۋالى، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش كىرىمىنى شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ مائاش كىرىمىگە ئەگىشىپ ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىش ئەھۋالى قاتارلىق مەزمۇنلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش جايلار ئۆزى تەكشۈرۈش ۋە دۆلەت نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. 2020-يىلى 3-ئايدىن 7-ئايغىچە، ھەرقايسى جايلار نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش مەزمۇنىغا سېلىشتۇرۇپ ئومۇميۈزلۈك ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن بارلىق ناھىيە (شەھەر، رايون)لەر قاپلىنىدۇ؛ 9-ئايدىن 10-ئايغىچە، گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ بىرلەشمە نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، دوكلات ئاڭلاش، ماتېرىياللارنى كۆرۈش، شۇ جايغا بېرىپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شۇ جايدا نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ