ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى چۆمۈچ ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىندى

2020.03.17 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، سىچۈەن ئۆلكىسى پېڭجوۋ شەھىرىدىكى بىر ئاشپۇزۇلدا، مېھمانلار ئاممىۋى چوكا بىلەن دوستىغا قورۇما ئېلىپ بەرمەكتە.

  شۇ كۈنى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ پېڭجوۋ شەھىرى «مەدەنىي تاماق ئۈستىلى — ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى چۆمۈچ» ھەرىكىتىنى باشلاپ، ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى چۆمۈچ ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش، تەشۋىقات ئېلانى ئىشلەش، ئىجادىي قىسقا سىن ئىشلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مېھمانخانا، ئاشخانىلاردا ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى چۆمۈچ ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ساغلام، مەدەنىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ