شاڭخەيدە بىر ئەر يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى سەۋەبلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2020.03.17 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، سوت مەيدانىدىن كۆرۈنۈش.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا زىيان يەتكۈزۈشكە چېتىشلىق بىر دېلوغا 16-مارت شاڭخەي شەھىرى جىنشەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلدى. جاۋابكار لى فامىلىلىك يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا زىيان يەتكۈزگەنلىكتىن، مۇددەتلىك بىر يىل ئۈچ ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، بىر يىل ئالتە ئاي كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بېرىلدى.

  شاڭخەي شەھىرى جىنشەن رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاۋابكار لى فامىلىلىك يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، ۋۇخەندە ساياھەت قىلىش تارىخىنى يوشۇرۇپ، كۆپ قېتىم ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇپ، ئاممىۋى سورۇنغا كىرىپ، 55 نەپەر يېقىن ئۇچراشقۇچى (بۇنىڭ ئىچىدە شاڭخەي شەھەرلىك 6- خەلق دوختۇرخانىسى جىنشەن تارماق دوختۇرخانىسىدىكى 11 داۋالاش خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئايرىۋېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ تارقىلىشىدەك ئېغىر خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلىپ، ئاممىۋى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن، ئاممىۋى مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزگەن.

  سوت مەھكىمىسى سوت قىلىپ مۇنداق قارىدى: جاۋابكار لى فامىلىلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە ئاپپاراتلىرى قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان، ئۇنىڭ قىلمىشىدىن يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا زىيات يەتكۈزۈش جىنايىتى شەكىللەنگەن. سوت مەھكىمىسى سوتتا يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن لى فامىلىلىككە بىر يىل ئۈچ ئاي مۇددەتلىك قاماق جازاسى، بىر يىل ئالتە ئاي كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ