ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى «بۇلۇت ئۈستىدە نورۇزگۈلدىن ھوزۇرلىنىش» پائالىيىتى قىلىپ، مەكتەپ نورۇزگۈلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىنى ئاممىغا كۆرگەزمە قىلدى

2020.03.17 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتىپىنىڭ بىر بۇرجىكى (3- ئاينىڭ 16- كۈنى تارتىلغان، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تارتقان سۈرەت). 3- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نورۇزگۈلى ئېچىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، بۇ مەكتەپ رايونى ھازىرچە ئاممىغا ئېچىۋېتىلمىدى، بىراق، ئاممىنىڭ گۈزەل مەنزىرىگە بولغان ئۈمىدىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى «بۇلۇت ئۈستىدە نورۇزگۈلدىن ھوزۇرلىنىش» پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى. بۇ پائالىيەت 3- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 16گىچە تور ئارقىلىق ئاممىغا نورۇزگۈلنىڭ ھەقىقىي مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ