خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئارىف ئالۋى 3- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى.
ئارىف ئارۋى 1949- يىلى 7- ئايدا پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى نورماللاشتۇرۇش ئىلمى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ۋە تىنچ ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتى غەيرىي چىشلار ئىلمى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئارىف ئارۋى پاكىستاننىڭ ھەققانىيەت ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى. 2006- يىلدىن 2013- يىلغىچە ھەققانىيەت ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى بولغان، 2016- يىلىدىن باشلاپ بۇ پارتىيەنىڭ سىندى ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 2013- يىلى ۋە 2018- يىلى ئىككى قېتىم خەلق پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 2018- يىلى 9- ئايدا پاكىستاننىڭ 13- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان.
بۇ قېتىمقى زىيارەت بولسا، ئارىف ئالۋىنىڭ زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىدۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ