تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى
3-ئاينىڭ 11-كۈنى نەشردىن چىققان خەلق گېزىتىدە، «تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى-باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا» دېگەن ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2020-يىلىغىچە، ھازىرقى ئۆلچەم ئاستىدىكى يېزا نامرات نوپۇسىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، بۇنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت، ھېچقانداق چېكىنىش يولى يوق. ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر بۇ زور سىياسىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، بولۇپمۇ 1-قول باشلىقلار سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يۈكسەك سىياسىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ھەقىقىي ئىشلەپ، ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ