خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خاڭجۇ شەھىرى شياۋشەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 5-مارت بىر ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، سېتىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، خاڭجۇدىكى جاۋ فامىلىلىك بىر ئەر قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، سېتىش جىنايىتى، قىمار ئويناش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ھەمدە 55 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.
سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، جاۋابكار جاۋ فامىلىلىك دائىم شۇ جايدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى، گۈل-گىياھ بازىرىدا ياۋا ئۆردەك، يىلان قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى ساتقان. ئەل ئىچىدىكى بەزى رېتسىپلاردا مۈشۈكياپىلاق يېسە باش ئاغرىقىنى داۋالىغىلى بولىدۇ دېيىلگەچكە، دائىم باشقىلار كېلىپ جاۋ فامىلىلىكتىن مەسلىھەت سورىغان.
2017-يىلى 11-ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 17- كۈنىگىچە جاۋابكار جاۋ فامىلىلىك باشقىلاردىن 200 يۈەن باھادا ئارقا- ئارقىدىن يەتتە دانە تىرىك مۈشۈكياپىلاقنى سېتىۋالغان ھەمدە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى، بازاردىن «خېرىدار» ئىزدەپ، «خېرىدار» بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىككى ھەسسىدىن يۇقىرى باھادا باشقىلارغا سېتىپ بەرگەن. بۇ مەزگىلدە جاۋابكار جاۋ فامىلىلىك يەنە ئۈندىدار ئارقىلىق باشقىلارغا بۈركۈت (بۈركۈت ئۆلۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن سودا پۈتۈشۈلمىگەن)، بوز تورغاي قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى ساتقان.
كېيىن جاۋابكار جاۋ فامىلىلىك 400 يۈەن باھادا بىر مۈشۈكياپىلاقنى ساتماقچى بولغان، سودىلىشىۋاتقاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان. شۇ كۈنى، ساقچىلار جەمئىي ئىككى تىرىك مۈشۈكياپىلاق ۋە بىر خالتا مۇزلىتىلغان ئۆلۈك قۇشنى قولغا چۈشۈرگەن. باھالاش ئارقىلىق، قولغا چۈشۈرۈلگەن مۈشۈكياپىلاقنىڭ دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۇچارقۇش ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان؛ قۇشلارنىڭ ئۆلۈكى ئىچىدە بوز تورغاي، كىچىك تورغاي بار بولۇپ، بۇلار «دۆلەت قوغدايدىغان مۇھىم ئېكولوگىيەلىك، ئىلمىي، ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، جاۋابكار جاۋ فامىلىلىك ۋە دېلوغا چېتىشلىق باشقا خادىملارنىڭ قىلمىشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بەلگىلىك زىيان يەتكۈزگەن، ئېكولوگىيەلىك زىياننى تۆلەش ھەققىدە كېڭىشىش ئارقىلىق جاۋابكار جاۋ فامىلىلىك ۋە دېلوغا چېتىشلىق باشقا خادىملار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش تۆلىمىدىن جەمئىي 75 مىڭ يۈەن تۆلەم پۇلى تاپشۇرغان.
ئاخىرىدا شياۋشەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسى سوت قىلغاندىن كېيىن مۇنداق قارىدى: جاۋابكار جاۋ فامىلىلىك دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، ساتقان، قىلمىشى ئېغىر؛ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن مەزگىلدە، يەنە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ پايدا تېپىش مەقسىتىدە توپلىشىپ قىمار ئوينىغان، ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، سېتىش جىنايىتى، قىمار ئويناش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن قانۇن بويىچە جاۋابكار جاۋ فامىلىلىككە مۇددەتلىك سەككىز يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى ھەمدە 55 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى