مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى بىر تۈركۈم ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس كەسپىنى ئەنگە ئېلىش ۋە تەستىقلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

2020.03.06 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس كەسىپلىرىنى ئەنگە ئېلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، يېڭىدىن 1672 كەسىپ كۆپەيتىپ ئەنگە ئېلىندى، 181 كەسىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاندى، 47 كەسىپ نۇقتىسىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىلىدىغان تۈر ياكى ئوقۇش يىل چەكلىمىسى تەڭشەلدى. بۇ قېتىم ئەنگە ئېلىنغان، تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان ۋە تەڭشەلگەن كەسپىي نۇقتىلار ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2020-يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 367 كەسپىي نۇقتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى قوللاش بۇ قېتىمقى يېڭىدىن كەسىپ تەسىس قىلىش خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شارائىتى ھازىرلانغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى لايىھەسى ۋە سىستېمىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سانلىق مەلۇمات ئىلمى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى، سانائەت ئەقلىي ئىقتىدارى، بۆلەك زەنجىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇندەرىجە سىرتىدىكى يېڭى كەسىپلەر يېڭىدىن كۆپەيتىلدى؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى، جۇڭگو تېبابىتى بويىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كەسپى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق مۇندەرىجە سىرتىدىكى يېڭى كەسىپلەر كۆپەيتىلدى؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «تۆت يېڭى» قۇرۇلۇشى (يېڭى سانائەت پەنلىرى، يېڭى تېببىي پەن، يېڭى يېزا ئىگىلىك پەنلىرى، يېڭى ئىجتىمائىي پەن) نى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاپ، ئەقلىي ئىقتىدار سېزىش قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە ساقلاش ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى، ئەقلىي يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك ئەقلىي ئىقتىدار ئۈسكۈنىلىرى قۇرۇلۇشى، تەنھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئېچىش قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇندەرىجە سىرتىدىكى يېڭى كەسىپلەر يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ