خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئەتىيازدا ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئاسپىرانتلارغا ئۇنۋان بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يازدا ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئاسپىرانتلارغا ئۇنۋان بېرىش خىزمىتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاسپىرانت تەربىيەلەش ئورۇنلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىنچىكە لايىھەسىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ئاسپىرانتلار بىلەن بولغان كۈندىلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاسپىرانتلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى يېزىشىنى قوللىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى تارماقلىرى ۋە يېتەكچىلەر ئاسپىرانتلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، پىسخىكا جەھەتتە يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىنسانىي غەمخورلۇقنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەسئۇل تارماقلىرى يېتەكچىلىك ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزۈش، بىلىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ