مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەنخۇي شۈەنچېڭدا ياۋايى ھايۋانلارغا چېتىشلىق بىر دېلوغا سوت ئېچىلدى

چېتىشلىق جاۋابكارلارنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىغا 10 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

2020.03.02 18:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنخۇي ئۆلكىسى شۇەنچېڭ شەھىرى شۇەنجوۋ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش، سېتىش، سېتىۋېلىشقا چېتىشلىق بىر دېلوغا ئاشكارا ھۆكۈم چىقاردى، جاۋابكار گو فامىلىلىك قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكتىن، مۇددەتلىك 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ھەمدە 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى؛ جاۋابكار خەن فامىلىلىك قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش، سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكتىن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ھەمدە 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى؛ جاۋابكار ۋېي فامىلىلىك قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكتىن، تۆت ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ھەمدە 4000 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

  سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنۇلارنى ئېنىقلىدى: 2018- يىلى 12-ئايدا ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ جيېشوۋ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق خەن فامىلىلىك ئۆز ئۆيىنىڭ بالكونىدا كەپتەر تۇتۇش قورالى بىلەن بىر قىزىل لاچىننى قانۇنسىز تۇتۇپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شۈەنچېڭ شەھىرىدىكى گو فامىلىلىك بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلاشقاندىن كېيىن 260 يۈەن باھادا ساتقان. گو فامىلىلىك گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جوڭشەن شەھىرىدىكى ۋېي فامىلىلىك بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلىشىپ، بۇ لاچىننى 480 يۈەن باھادا ساتقان.

  2019-يىلى 1-ئايدا خەن فامىلىلىك ئۆز ئۆيىنىڭ بالكونىدا يەنە بىر قىزىل لاچىننى قانۇنسىز تۇتۇپ، 230 يۈەن باھادا گو فامىلىلىككە سېتىپ بەرگەن. گو فامىلىلىك ئۈندىدار ئارقىلىق بۇ قىزىل لاچىننى جېجياڭلىق تورداش «ئەنئەن» گە ساتماقچى بولغاندا، ساقچىلار نەق مەيداندا ئۇنى قولغا چۈشۈرگەن. شۇ كۈنى خەلق ساقچىلىرى گو فامىلىلىكنىڭ ئۆيىدىن 10 شاتۇتىنى ئاختۇرۇپ تاپقان ھەمدە تۇتۇپ قالغان.

  دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، يۇقىرىقى قىزىل لاچىننىڭ «دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار تىزىملىكى»دە 2-دەرىجىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شاتۇتىنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك تۈرى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسىنىڭ قوشۇمچىسى (Ⅱ)گە كىرگۈزۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

  نۆۋەتتە دېلوغا چېتىشلىق ئىككى قىزىل لاچىن قويۇپ بېرىلدى، 10 شاتۇتى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىندى، قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلار زىيانغا ئۇچرىمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ