مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى: پۇقراۋى بالىلار باغچىسى ۋە مائارىپ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش، باج تاپشۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ۋە ياردەم پۇلى تارقىتىش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق قوللاشلارغا ئېرىشىدۇ

2020.03.02 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 1- چېسلا بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۇقراۋى بالىلار باغچىسى ۋە مائارىپ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا بولغان تەسىرىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش ئۈچۈن، پۇقراۋى بالىلار باغچىسى ۋە مائارىپ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئۇلارنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش، باج تاپشۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ۋە ياردەم پۇلى تارقىتىش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق قوللاشلارغا ئېرىشىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھىرى يېقىندا يۇقۇم مەزگىلىدىكى پۇقراۋى بالىلار باغچىسى ۋە مائارىپ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا قارىتا ئەڭ يېڭى سىياسەت بەلگىلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر بەلگىلىمىدە، مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئەگەر بېيجىڭ شەھىرىگە ۋە رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆي-زېمىنىنى ئىجارىگە ئېلىپ مەكتەپ باشقۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسا، ھەمدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسى بويىچە ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى ئۇزارتقان ياكى تەربىيىلەشنى ۋاقتىنچە توختاتمىغان، ئەمما خادىم قىسقارتماي، ئادەم قىسقارتماي كېلىۋاتقان بولسا، ئۇنداقلارنىڭ 2- ئايلىق ئۆي ئىجارىسىنى كەچۈرۈم قىلىش كېرەك. ئىجارىگە ئالغان ئۆيلەرنى ئىش بېجىرىشكە ئىشلەتكەنلەر بولسا، ئۇنداقلارنىڭ 2- ئايلىق ئىجارە ھەققىنىڭ %50ى كېمەيتىلىدۇ ۋە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ باشقا تىجارەت مەقسىتىدە ئۆي ئىجارىگە ئالغانلارغا، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىشىگە، كەچۈرۈم قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، ئۆي ئىجارىسى كېمەيتىلگەن ياكى كەچۈرۈم قىلىنغان كارخانىلارغا ھۆكۈمەت بەلگىلىك مەبلەغ ياردىمى بېرىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن باج تاپشۇرۇشنى مەلۇم قىلىشى قىيىن بولغان مائارىپ ئاپپاراتلىرى باجنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى قانۇن بويىچە بېجىرسە بولىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان «قەرەللىك، نورمىلىق» ئائىلىلەرگە قارىتا، ئۇلارنىڭ نورمىسىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۇرۇپ مۇۋاپىق تەڭشەش ياكى رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى يولغان قويۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ