جياڭشى گەنجۇ: ئۆي جاھازلىرى كارخانىلىرى قايتا ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتى

2020.02.27 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 26- كۈنى، گەنجۇ شەھىرى نەنكاڭ ئۆي جاھازىلىرى بازىرىدا، ئىشچىلار پات ئارىدا ئېكىسپورت قىلىنىدىغان تەييار ئۆي جاھازىلىرىنى ماشىنىغا قاچىلاپ توشىماقتا. يېقىندا جياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇ شەھىرى نەنكاڭ رايونىدىكى ئۆي جاھازلىرى كارخانىلىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلەپچىقىرىشنى كەينى-كەينىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گەنجۇ شەھىرى نەنكاڭ رايونى سۇپا قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، مەھسۇلات لايىھەلەش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش، ئوبوروت قىلىش، كەسپىي يۈرۈشلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلىنغان ئۆي جاھازلىرى كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ