جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى

2020.02.26 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى

  (1989-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان

  2004-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنىدا تۈزىتىلگەن

  2013-يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3-سانلىق يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى› قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 2-قېتىم تۈزىتىلدى)

  مۇندەرىجە

  1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  2-باب يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  3-باب يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش، ئۇقتۇرۇش ۋە ئېلان قىلىش

  4-باب يۇقۇم ئەھۋالىنى تىزگىنلەش

  5-باب داۋالاش، قۇتقۇزۇش

  6-باب نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش

  7-باب كاپالەت تەدبىرى

  8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ



  1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1-ماددا بۇ قانۇن يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ۋە جامائەت ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

  2-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئۇنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرىدۇ، ئىلىم-پەنگە، ئاممىغا تايىنىدۇ.

  3-ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىك A تۈرگە،B تۈرگە، C تۈرگە ئايرىلىدۇ.

  A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك چۇما، خولېرانى كۆرسىتىدۇ.

  B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك يۇقۇملۇق سارس، ئەيدىز، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى، ئادەمگە تېز يۇقىدىغان قۇش زۇكىمى، قىزىل، تارقىلىشچان قاناش قىزىتمىسى، غالجىر كېسىلى، تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى، دېنگې قىزىتمىسى، كۆيدۈرگە، باكتېرىيەلىك ۋە ئاميوبالىق تولغاق، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى، كېزىك ۋە پارا كېزىك، تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى، كۆك يۆتەل، بوغما، بوۋاقلار قاتما كېسىلى، ئىسكارلاتىنا، برۇتسېللوز، سۆزنەك، سېبلىس، ئىلمەك بۇرماسىمان تەنچە كېسىلى، قان شورىغۇچ قۇرت كېسىلى، بەزگەكنى كۆرسىتىدۇ.

  C تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقىلىشچان زۇكام، تارقىلىشچان گۆرەن بەز ياللۇغى، سوغان، ئۆتكۈر قاناشچان بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، ماخاۋ كېسىلى، تارقىلىشچان ۋە يەرلىك ئەسۋىلىك كېزىك، كالا ئازار كېسىلى، قاپلىق قۇرت كېسىلى، قىل قۇرت كېسىلى، خولېرا، ۋىرۇسلۇق ۋە ئاميوبالىق تولغاق، كېزىك ۋە پارا كېزىكتىن باشقا يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بېرىش، تارقىلىش ئەھۋالى ۋە خەۋپىگە قاراپ B، Cتۈرىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك قاتارىغا كىرگۈزۈش، چىقىرىۋېتىش ياكى تەڭشەشنى بېكىتسە بولىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

  4-ماددا B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللەردىن تارقىلىشچان سارس، كۆيدۈرگىلەردىن ئۆپكە كۆيدۈرگىسى ۋە ئادەمگە تېز يۇقىدىغان قۇش زۇكىمىغا مۇشۇ قانۇندا ئېيتىلغان A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تېزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. B تۈردىكى باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە تاسادىپىي يۈز بەرگەن سەۋەبى ئېنىق بولمىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە مۇشۇ قانۇندا ئېيتىلغان A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشقا تېگىشلىك بولغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەنگە ۋاقتىدا تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قوللىنىلغان A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى بىكار قىلىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىدۇ.

  ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوندا دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ قوزغىلىدىغان باشقا يەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللەرنى ئەھۋالغا قاراپ B تۈردىكى ياكى C تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك بويىچە باشقۇرۇشنى بەلگىلەپ ھەم ئېلان قىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

  5-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، داۋالاش، قۇتقۇزۇش ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  6-ماددا گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى داۋالاش ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا تارماقلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە مەسئۇل بولىدۇ.

  ئارمىيەنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى مۇشۇ قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى نازارەت قىلىدۇ-باشقۇرىدۇ.

  7-ماددا ھەر دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆزىتىش، ئالدىن مۆلچەرلەش، ئېپىدېمىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش، شۇنىڭدەك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەھەتتىكى باشقا خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالاش، قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ۋە مەسئۇلىيەت رايونىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شەھەرلەردىكى مەھەللە داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شەھەر مەھەللىلىرىنىڭ، يېزا ئاساسىي قاتلاملارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى مۇناسىپ ئۈستىگە ئالىدۇ.

  8-ماددا دۆلەت زامانىۋى تېبابەتچىلىك ۋە جۇڭگو تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى تىبابەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئائىت ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشنى، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئائىت پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللايدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

  دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى قوللايدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

  9-ماددا دۆلەت ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى قوللايدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئائىت تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ بېرىش، يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش، پىدائىيلار مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئىئانە قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى شەھەر ئاھالىسى، كەنت ئاھالىسىنى مەھەللە، يېزىلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىشى كېرەك.

  10-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ساغلاملىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، ئاممىۋى تازىلىق تەربىيەسىگە ئائىت جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقاتىنى ھەقسىز قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا ساغلاملىق بىلىملىرى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە تەلىم-تەربىيە بېرىشى كېرەك.

  تېببىي ئالىي مەكتەپلەر مۇداپىئە تېبابىتى تەربىيەسى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىشى، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا خادىملارنى مۇداپىئە تېبابىتى جەھەتتە تەربىيەلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى كېرەك.

  كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۆز خادىملىرىنى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىم-ماھارىتى بويىچە قەرەللىك تەربىيەلىشى كېرەك.

  11-ماددا يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ۋە تۆھپە ياراتقان ئورۇن، شەخسلەر تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

  يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ كېسەل بولغان، مېيىپ بولغان، ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ياردەم پۇلى، نەپىقە بېرىلىدۇ.

  12-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى بارلىق ئورۇن، شەخسلەر كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە دائىر تەكشۈرۈش، پىرىيوم قىلىش، ئەۋرىشكە ئېلىش، ئايرىپ داۋالاشتەك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوبۇل قىلىشى، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئەينەن ئېيتىشى شەرت. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ شەخسنىڭ مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان ئالاقىدار ئۇچۇر، ماتېرىياللارنى ئاشكارىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ياكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوللىنىپ، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلغان بولسا، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى دەۋا قىلسا بولىدۇ.


  2-باب يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  13-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى تازىلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر ساغلاملىق تەربىيەسى ئېلىپ بارىدۇ، مەدەنىي-ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئاممىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئېڭى، تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ، مۇھىت تازىلىقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، چاشقان ئاپىتى ۋە پاشا، چىۋىن قاتارلىق كېسەل يۇقتۇرىدىغان جانلىقلارنىڭ خەۋپىنى تۈگىتىدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، سۇچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي تارماقلىرى خىزمەت ئىش تەقسىماتى بويىچە ئېتىز، كۆل، دەريا، چارۋىچىلىق فېرمىلىرى ۋە ئورمانلىقتىكى چاشقان ئاپىتىنى ۋە قان شورىغۇچ قۇرت خەۋپىنى شۇنىڭدەك يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقىتىدىغان جانىۋار ۋە كېسەللىك يۇقتۇرىدىغان باشقا جانلىقلارنىڭ خەۋپىنى تۈگىتىشكە يېتەكچىلىك ۋە تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ.

  تۆمۈريول، قاتناش ۋە پۇقرالار ئاۋىياتسىيە مەمۇرىي تارماقلىرى قاتناش قوراللىرى شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى چاشقان ئاپىتى، پاشا، چىۋىن قاتارلىق كېسەللىك يۇقتۇرىدىغان جانلىقلارنىڭ خەۋپىنى تۈگىتىشكە تەشكىللەيدۇ ۋە مەسئۇل بولىدۇ.

  14-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى پىلانلىق ياسىشى ۋە ئۆزگەرتىشى، ئىچىملىك سۇ تازىلىقىنى ياخشىلىشى، پاسكىنا سۇ، بۇلغانما، چوڭ-كىچىك تەرەتنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

  15-ماددا دۆلەت پىلانلىق ھالدا مۇداپىئە ۋاكسىنىسى ئەملەش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا قاراپ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە مۇداپىئە ۋاكسىنىسى ئەملەش يىرىك پىلانى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنى يولغا قويۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ. مۇداپىئە ۋاكسىنىسى دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە توشۇشى شەرت.

  دۆلەت بالىلارغا مۇداپىئە ۋاكسىنىسى ئەملەش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانى تۈرىدىكى ۋاكسىنا ئەملەش ھەقسىز بولىدۇ. داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى بالىلارنىڭ ۋەسىيىلىرى بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ، بالىلارغا ۋاقتىدا مۇداپىئە ۋاكسىنىسى ئەملەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

  16-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت يۇقۇملۇق كېسەللەرگە، كېسەل يۇقتۇرغۇچىلار ۋە گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتىشى لازىم. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەر، كېسەل يۇقتۇرغۇچىلارنى ۋە گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  يۇقۇملۇق كېسەللەر، كېسەل يۇقتۇرغۇچىلار ۋە گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ داۋالىنىپ ساقىيىشتىن ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىك گۇمانىدىن ساقىت قىلىنىشتىن ئىلگىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇغۇللىنىشنى مەنئى قىلغان شۇ يۇقۇملۇق كېسەللىك ئاسان تارقىلىدىغان خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  17-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كۆزىتىش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ.

  گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دۆلەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كۆزىتىش يىرىك پىلانى ۋە لايىھەسىنى تۈزىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دۆلەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كۆزىتىش يىرىك پىلانى ۋە لايىھەسىگە ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كۆزىتىش پىلانى ۋە خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى، تارقىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ پەيدا بولۇش، تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى كۆزىتىدۇ؛ دۆلەت سىرتىدا پەيدا بولغان، دۆلەت ئىچىدە تېخى پەيدا بولمىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكنى ياكى دۆلەت ئىچىدە يېڭى پەيدا بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كۆزىتىدۇ.

  18-ماددا ھەر دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

  (1) يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يىرىك پىلانى ۋە لايىھەسىنى يولغا قويۇش؛

  (2) يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كۆزىتىش ئۇچۇرىنى يىغىش، تەھلىل قىلىش ۋە مەلۇم قىلىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش، تارقىلىش يۈزلىنىشىنى مۆلچەرلەش؛

  (3) يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋە تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى ئېپىدېمىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇش؛

  (4) يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەجرىبىخانىسىدا تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش ۋە ئېتىئولوگىيەلىك باھالاش؛

  (5) ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش، مۇداپىئەلىك بىيو ياسالمىلارنى ئىشلىتىش-باشقۇرۇش؛

  (6) ساغلاملىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، مەسلىھەت بېرىش يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش؛

  (7) تۆۋەن دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەربىيەلەش؛

  (8) يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر ئەمەلىي تەتقىقاتنى ۋە سەھىيە جەھەتتىن باھالاشنى قانات يايدۇرۇش، تېخنىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش.

  دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى، تارقىلىشى شۇنىڭدەك دائىرىسىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تارقىلىش يۈزلىنىشىنى مۆلچەرلەيدۇ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىدۇ ھەم ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنى ئېتىئولوگىيەلىك باھالاشنى قانات يايدۇرىدۇ، تەكشۈرۈش، سۈپەت كونترول قىلىش سىستېمىسى قۇرىدۇ، ئەمەلىي تەتقىقات ۋە سەھىيە جەھەتتىن باھالاشنى قانات يايدۇرىدۇ.

  رايون بار شەھەرلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يىرىك پىلانى، لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، ئىممۇنىتېتلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، كېسەل يۇقتۇرىدىغان جانلىقلارنىڭ خەۋپىنى تىزگىنلەشكە تەشكىللەيدۇ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، ئۆز رايونىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋە تاسادىپىي ئاممىۋىي ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى كۆزىتىش، مەلۇم قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئېپىدېمىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە دائىم ئۇچرايدىغان كېسەل قوزغىغۇچى مىكرو ئورگانىزملارنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ.

  19-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەللىكتىن سىگنال بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ.

  گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش، تارقىلىش يۈزلىنىشىنى كۆزىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، يۇقۇملۇق كېسەلدىن ۋاقتىدا سىگنال بېرىدۇ، ئۇنى ئەھۋالغا قاراپ ئېلان قىلىدۇ.

  20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەييارلىق لايىھەسىنى تۈزۈپ، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

  يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەييارلىق لايىھەسى تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

  (1) يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى؛

  (2) يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كۆزىتىش، ئۇچۇر يىغىش، تەھلىل قىلىش، مەلۇم قىلىش ۋە ئېلان قىلىش تۈزۈمى؛

  (3) كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك پەيدا بولغان ۋاقىتتىكى ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتى؛

  (4) يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇش، تارقىلىش ئەھۋالىنى دەرىجىگە ئايرىش ۋە مۇناسىپ جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمەت لايىھەسى؛

  (5) يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇم نۇقتىسى، يۇقۇم رايونى نەق مەيدانىنى تىزگىنلەش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرى، داۋالاپ ساقايتىش دورىلىرى ۋە داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى شۇنىڭدەك باشقا ماددىي ئەشيا، تېخنىكا زاپىسى ۋە ئۇنى يۆتكەپ ئىشلىتىش.

  يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن يۇقۇملۇق كېسەللىك سىگنالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەييارلىق لايىھەسى بويىچە مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

  21-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ داۋالاشتا يۇقۇشى ۋە دوختۇرخانىدىن يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرت.

  داۋالاش ئاپپاراتلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشقا، ئۆز ئورنىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى شۇنىڭدەك مەسئۇلىيەت رايونىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا؛ داۋالاشتا دوختۇرخانىدىن يۇقۇملىنىشقا ئالاقىدار خەتەرلىك ئامىللارنى كۆزىتىش، بىخەتەر قوغدىنىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئايرىش ۋە داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەخسۇس تارماق ياكى خادىم بەلگىلىشى كېرەك.

  كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىچىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى باھالاشقا مەسئۇل مەخسۇس خادىم بەلگىلەپ، ئېپىدېمىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  22-ماددا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ تەجرىبىخانىسى ۋە كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزم تەجرىبىسى ئېلىپ بارىدىغان ئورۇنلار دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتكە ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىگە توغرا كېلىشى، قاتتىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىشى، يۇقۇملۇق كېسەللىك پاتوگېنى ئەۋرىشكىسىنى بەلگىلىگەن تەدبىر بويىچە قاتتىق نازارەت قىلىشى-باشقۇرۇشى، يۇقۇملۇق كېسەللىك پاتوگېنىنىڭ تەجرىبىخانىدىن يۇقۇشى ۋە كېسەل قوزغىغۇچى مىكرو ئورگانىزمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك.

  23-ماددا قان ئېلىش-قان بىلەن تەمىنلەش ئاپپاراتلىرى، بىيو ياسالمىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، قان، قان ياسالمىسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. قاننى قانۇنسىز ئېلىش ياكى باشقىلارنى قان سېتىشقا تەشكىللەش مەنئى قىلىنىدۇ.

  كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى قان ۋە قان ياسالمىسىنى ئىشلىتىشتە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى، قان سېلىش، قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش سەۋەبى بىلەن كېسەلنىڭ قان ئارقىلىق يۇقۇشىدىن ساقلىنىشى شەرت.

  24-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

  25-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي تارماقلىرى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە مۇناسىۋەتلىك ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

  ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە مۇناسىۋەتلىك ياۋايى ھايۋانلار، ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرىدىن كارانتىندىن ئۆتەلىگەنلىرىنى سېتىشقا، توشۇشقا بولىدۇ.

  26-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيەسى ۋە ۋىرۇسى ئامبىرى قۇرىدۇ.

  يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيەسى، ۋىرۇسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنى تەكشۈرۈپ ئەۋرىشكە ئېلىش، ساقلاش، ئېلىپ يۈرۈش، توشۇش ۋە ئىشلىتىشتە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ ھەم مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنى يۇقتۇرۇش ئېھتىمالى بولغان شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن باكتېرىيە، ۋىرۇس ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكنى تەكشۈرۈپ ئەۋرىشكە ئېلىش، ساقلاش، ئېلىپ يۈرۈش، توشۇش ۋە ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش شەرت. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

  27-ماددا يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغىغۇچىدىن بۇلغانغان سۇ، نەرسە، سورۇن ۋە بۇيۇملارنى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياكى ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان سەھىيە تەلىپى بويىچە قاتتىق دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلىشى شەرت؛ دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلىشنى رەت قىلغانلارنى شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ياكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى مەجبۇرىي دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلدۇرىدۇ.

  28-ماددا دۆلەت بېكىتكەن تەبىئىي يۇقۇملۇق كېسەللىك مەنبەسىدە سۇ ئىنشائاتى، قاتناش، ساياھەتچىلىك، ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش مۇھىتىنى سەھىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈشى كېرەك. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەھەتتە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى خىزمىتىگە مەسئۇل مەخسۇس ئادەم قويۇشى كېرەك. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كۆزىتىشى كېرەك.

  29-ماددا يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرى، ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلار تەمىنلىگەن ئىچىملىك سۇ ۋە ئىچىملىك سۇنىڭ تازىلىق بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مەھسۇلاتلار دۆلەتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە ۋە تازىلىق قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

  ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلار ئىشلەپچىقىرىش ياكى تەمىنلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، قانۇن بويىچە تازىلىق ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك.

  يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇنلارنى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.



  3-باب يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش، ئۇقتۇرۇش ۋە ئېلان قىلىش

  30-ماددا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە قان ئېلىش، قان بىلەن تەمىنلەش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى ياكى باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغانلىقى، تارقالغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكنى بايقىغاندا، يۇقۇم ئەھۋالى مەلۇماتىنى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىگە ئەمەل قىلىپ، گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ياكى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن مەزمۇن، تەرتىپ، ئۇسۇل ۋە مۆھلەت بويىچە دوكلات قىلىشى كېرەك.

  ئارمىيەنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرى جامائەتكە داۋالاش مۇلازىمىتى قىلغاندا، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى بايقىسا، گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  31-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس يۇقۇملۇق كېسەللەر ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللەرنى بايقىغاندا، يېقىن ئەتراپتىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتىغا ياكى داۋالاش ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  32-ماددا پورت، ئايرودۇرۇم ۋە تۆمۈريوللاردىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى شۇنىڭدەك دۆلەت چېگرا سەھىيە كارانتىن ئورگىنى A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللەر، كېسەل يۇقتۇرغۇچىلار، گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللەرنى بايقىغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە دۆلەت چېگرا پورتى بار جايدىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتىغا ياكى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى ھەمدە ئۆزئارا خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

  33-ماددا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن توپلىشى، تەھلىل قىلىشى، تەكشۈرۈشى ۋە تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. A،B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىغا دائىر مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندا ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان، تارقالغانلىقىنى بايقىغان ھامان، شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى، شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە دەرھال مەلۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋە گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغىمۇ مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇر باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغان مەخسۇس تارماق تەسىس قىلىپ ياكى مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ، يۇقۇم ئەھۋالىغا دائىر مەلۇماتنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى ۋە تەھلىل قىلىشى كېرەك.

  34-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى ۋە ئۇنى كۆزىتىش، ئۇنىڭدىن سىگنال بېرىشكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆز مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتىغا ۋە داۋالاش ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتى ۋە داۋالاش ئاپپاراتى ئۇنى ئۆز ئورنىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

  35-ماددا گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىنى ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنى مەملىكەت بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالى ۋە ئۇنى كۆزىتىش، ئۇنىڭدىن سىگنال بېرىشكە دائىر ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

  قوشنا جايدىكى شۇنىڭدەك ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونلىرى تەۋەسىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىدىن ۋە ئۇنى كۆزىتىش، ئۇنىڭدىن سىگنال بېرىشكە دائىر ئۇچۇرلاردىن ئۆزئارا خەۋەر تېپىپ تۇرۇشى كېرەك.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى بايقىغاندا، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى بايقىغاندا، گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

  36-ماددا ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە ئاپپاراتى ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى ھايۋانلار ئارىسىدا ۋە ئادەملەر ئارىسىدا پەيدا بولغان، ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىدىن ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا ئۆزئارا خەۋەر تېپىپ تۇرۇشى كېرەك.

  37-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش مەسئۇلىيىتى بار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، قان ئېلىش-قان بىلەن تەمىنلەش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرۇشىغا، يالغان مەلۇم قىلىشىغا ۋە كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  38-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەللىك ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ.

  گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ.

  يۇقۇملۇق كېسەللىك ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ھەم تارقالغاندا، گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشىغا ھوقۇق بەرسە بولىدۇ.

  يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرنى ۋاقتىدا، توغرا ئېلان قىلىش كېرەك.



  4-باب يۇقۇم ئەھۋالىنى تىزگىنلەش

  39-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنى بايقىغاندا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا قوللىنىشى كېرەك:

  (1) كېسەللەر، كېسەل يۇقتۇرغۇچىنى ئايرىپ داۋالاش، ئايرىپ داۋالاش مۇددىتىنى تېببىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ بېكىتىش؛

  (2) گۇمانىي كېسەللەرنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغىچە بەلگىلەنگەن ئورۇندا يالغۇز ئايرىپ داۋالاش؛

  (3) داۋالاش ئاپپاراتىدىكى كېسەللەر، كېسەل يۇقتۇرغۇچى، گۇمانىي كېسەللەر بىلەن يېقىن يولۇققانلارنى بەلگىلەنگەن ئورۇندا تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە ئۇلارغا باشقا زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىش.

  ئايرىپ داۋالاشنى رەت قىلغان ياكى ئايرىپ داۋالاش مۇددىتى توشماي تۇرۇپ ئايرىپ داۋالاش ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى داۋالاش ئاپپاراتىغا ھەمكارلىشىپ مەجبۇرىي ئايرىپ داۋالاش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.

  داۋالاش ئاپپاراتى B تۈردىكى ياكى C تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللەرنى بايقىغاندا، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ زۆرۈر داۋالاش تەدبىرى ۋە ئۇنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

  داۋالاش ئاپپاراتى ئۆز ئورنىدا يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغىغۇچىدىن بۇلغانغان سورۇن، بۇيۇم شۇنىڭدەك داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە دېزىنفېكسىيە قىلىشى ۋە زىيانسىزلاشتۇرۇشى شەرت.

  40-ماددا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى بايقىغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا قوللىنىشى لازىم:

  (1) يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېپىدېمىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا قاراپ يۇقۇم نۇقتىسى، يۇقۇم رايونىنى بەلگىلەش تەكلىپى بېرىش، بۇلغانغان ئورۇننى تازىلاش، بىۋاسىتە ئۇچراشقانلارنى بەلگىلەنگەن ئورۇندا تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە باشقا زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىش ھەمدە بۇ ھەقتە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يۇقۇم ئەھۋالىنى تىزگىنلەش لايىھەسى تاپشۇرۇش؛

  (2) يۇقۇملۇق كېسەللىك ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان، تارقالغاندا يۇقۇم نۇقتىسى، يۇقۇم رايونىنى تازىلاپ، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يۇقۇم ئەھۋالىنى تىزگىنلەش لايىھەسى تاپشۇرۇش ھەمدە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەلىپى بويىچە تەدبىر قوللىنىش؛

  (3) تۆۋەن دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك قىلىش.

  41-ماددا A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك پەيدا بولغان ئورۇن ياكى شۇ ئورۇننىڭ مۇئەييەن يېرىدىكى كىشىلەرگە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئايرىۋېتىش تەدبىرى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلسا بولىدۇ؛ مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىق ھەققىدە دەرھال قارار چىقىرىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقارغان بولسا، ئايرىۋېتىش تەدبىرى قوللانغان خەلق ھۆكۈمىتى ئايرىۋېتىش تەدبىرىنى دەرھال بىكار قىلىشى كېرەك.

  ئايرىۋېتىش مەزگىلىدە، ئايرىۋېتىش تەدبىرى قوللانغان خەلق ھۆكۈمىتى ئايرىۋېتىلگەنلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك؛ ئايرىۋېتىلگەنلەرنىڭ ئىش ئورنى بولسا، شۇ ئورۇن ئۇلارنىڭ ئايرىۋېتىلگەن مەزگىلدىكى ئىش ھەققىنى بەرمەي توختىتىپ قويۇشىغا بولمايدۇ.

  ئايرىۋېتىش تەدبىرىنى بىكار قىلىشنى ئەسلىي قارار قىلغان ئورگان قارار قىلىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.

  42-ماددا يۇقۇملۇق كېسەللىك ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ، تارقالغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەييارلىق لايىھەسى بويىچە ئالدىنى ئېلىپ ۋە داۋالاپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈۋېتىشى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن تۆۋەندىكى جىددىي تەدبىرلەرنى قوللانسا ھەمدە ئېلان چىقارسا بولىدۇ:

  (1) بازار قىلىش، كىنو-تىياتىرخانىلاردا كىنو-تىياتىر قويۇش ياكى ئادەم توپلىشىدىغان باشقا پائالىيەتلەرنى قىلىشنى چەكلەش ياكى توختىتىش؛

  (2) ئىش توختىشىش، تىجارەت توختىتىش، دەرس توختىتىش؛

  (3) يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغىغۇچىدىن بۇلغانغان جامائەت ئىچىدىغان سۇ مەنبەلىرىنى تاقىۋېتىش، يېمەكلىك ۋە ئالاقىدار بۇيۇملارنى پېچەتلەش؛

  (4) يۇقۇملۇق كېسەللىك تەككەن ياۋايى ھايۋانلارنى، ئۆي ھايۋان، ئۆي قۇشلىرىنى تىزگىنلەش ياكى ئۆلتۈرۈۋېتىش؛

  (5) يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ئورۇننى پېچەتلەش.

  يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىددىي تەدبىرىنى قوللىنىش توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان قارار چىقىرىشى كېرەك.

  جىددىي تەدبىرنى بىكار قىلىشنى ئەسلىي قارار چىقارغان ئورگان قارار قىلىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.

  43-ماددا A ، B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ۋە تارقالغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى يۇقۇم رايونى دەپ ئېلان قىلسا بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان يۇقۇم رايونىنى قارار قىلسا ھەم ئېلان قىلسا بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يۇقۇم رايونىدا مۇشۇ قانۇننىڭ 42-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىددىي تەدبىرنى قوللانسا ھەمدە يۇقۇم رايونىغا كىرىپ-چىقىدىغان ئادەم، ماددىي ئەشيا ۋە قاتناش قوراللىرىنى كارانتىن قىلسا بولىدۇ.

  ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك رايونىنى قامال قىلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى يۇقۇم رايونىنى ياكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان يۇقۇم رايونىنى قامال قىلىشنى شۇنىڭدەك يۇقۇم رايونىنى قامال قىلىپ غول قاتناش لىنىيەلىرىنى ئۈزۈۋېتىش ياكى دۆلەت چېگراسىنى قامال قىلىشنى گوۋۇيۈەن قارار قىلىدۇ.

  يۇقۇم رايونىدىكى قامالنى بىكار قىلىشنى ئەسلى قارار قىلغان ئورگان قارار قىلىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.

  44-ماددا A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك پەيدا بولغاندا، شۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ قاتناش قورالى ۋە شۇ قاتناش قورالىدا توشۇلغان ئادەم، ماددىي ئەشيادىن يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قاتناشنى سەھىيە كارانتىنى قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

  45-ماددا يۇقۇملۇق كېسەللىك ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغاندا، تارقالغاندا، يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا قاراپ، گوۋۇيۈەن مەملىكەت دائىرىسىدە ياكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان دائىرىدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئادەملەرنى جىددىي يۆتكەشكە ياكى زاپاس ماددىي ئەشيانى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە، ئۆي، قاتناش قوراللىرىنى شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى ۋاقىتلىق ئېلىپ ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق.

  ئادەمنى جىددىي يۆتكىگەندە، بەلگىلىمە بويىچە مۇۋاپىق ھەق بېرىش كېرەك. ئۆي، قاتناش قورالى شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى ۋاقىتلىق ئېلىپ ئىشلەتكەندە، قانۇن بويىچە تولۇقلىما بېرىش؛ قايتۇرۇپ بېرىشكە بولىدىغانلىرىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك.

  46-ماددا A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك، كۆيدۈرگە كېسەللىكى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى سەھىيە جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىپ، دەرھال شۇ ئەتراپتا كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك. باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى زۆرۈر تېپىلغاندا سەھىيە جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن كۆيدۈرۈۋېتىش ياكى بەلگىلىمە بويىچە چوڭقۇر كۆمۈۋېتىش كېرەك.

  يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى تېپىش ئۈچۈن، داۋالاش ئاپپاراتلىرى زۆرۈر تېپىلغاندا گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى يېرىپ تەكشۈرسە بولىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ.

  47-ماددا يۇقۇم رايونىدا يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغىغۇچىدىن بۇلغانغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغىغۇچىدىن بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان بۇيۇملاردىن دېزىنفېكسىيە قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىرىنى شۇ جايدىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە، سېتىشقا ۋە توشۇشقا بولىدۇ.

  48-ماددا يۇقۇملۇق كېسەللىك پەيدا بولغاندا، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئەۋەتكەن يۇقۇملۇق كېسەللىككە ئالاقىدار باشقا كەسپىي تېخنىكا ئاپپاراتى، يۇقۇملۇق كېسەللىك نۇقتىسى، يۇقۇم رايونىغا كىرىپ تەكشۈرسە، ئەۋرىشكە ئالسا، تېخنىكىلىق تەھلىل قىلسا ۋە تەكشۈرسە بولىدۇ.

  49-ماددا يۇقۇملۇق كېسەللىك ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغاندا، تارقالغاندا، دورا ۋە داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تەمىنلەيدىغان ئورۇنلار يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا كېرەكلىك دورا ۋە داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىنى ۋاقتىدا ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەمىنلىشى كېرەك. تۆمۈريول، قاتناش، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە تىجارەت ئورۇنلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان خادىملارنى شۇنىڭدەك يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا كېرەكلىك ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى ئاۋۋال توشۇشى شەرت. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى تەشكىللەش-ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.



  5-باب داۋالاپ ساقايتىش

  50-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىش مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىش شارائىتى ۋە ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان داۋالاش ئاپپاراتىنى يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بېكىتىشى ياكى يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىش ئېھتىياجىغا قاراپ يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسى قۇرۇشى كېرەك.

  51-ماددا داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى، قۇرۇلۇش لايىھەسى ۋە مۇلازىمەت تەرتىپى يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

  داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىشلىتىدىغان داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە دېزىنفېكسىيە قىلىشى؛ بەلگىلىمە بويىچە بىرلا قېتىم ئىشلىتىدىغان داۋالاش ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن كۆيدۈرۈۋېتىشى كېرەك.

  داۋالاش ئاپپاراتلىرى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن يۇقۇملۇق كېسەلگە دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمى ۋە ئۇنى داۋالاش تەلىپى بويىچە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  52-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى يۇقۇملۇق كېسەللەر ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاپ قۇتقۇزۇشى، ئۇلارغا نەق مەيداندا ياردەم بېرىشى ۋە ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالىشى، كېسەللىك خاتىرىسى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يېزىشى ھەمدە ئۇنى ياخشى ساقلىشى كېرەك.

  داۋالاش ئاپپاراتلىرى يۇقۇملۇق كېسەللەرنى ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىم دىياگنوز قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى؛ يۇقۇملۇق كېسەللەر، گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللەرنى نىسپىي ئايرىۋېتىلگەن ئايرىم دىياگنوز قويۇش نۇقتىسىغا ئېلىپ بېرىپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. مۇناسىپ داۋالاپ ساقايتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى كېسەللەرنى ئۇنىڭ كېسەللىك خاتىرىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى بىلەن بىرگە مۇناسىپ قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان داۋالاش ئاپپاراتىغا يۆتكىشى كېرەك. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.



  6-باب نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش

  53-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:

  (1) تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش؛

  (2) كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش؛

  (3) قان ئېلىش-قان بىلەن تەمىنلەش ئاپپاراتىنىڭ قان ئېلىش-قان بىلەن تەمىنلەش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش؛

  (4) يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرىنى ۋە ئۇنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇنلارنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ھەمدە ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ياكى تەمىنلەش ھەرىكىتىنى شۇنىڭدەك ئىچىملىك سۇنىڭ تازىلىق بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش؛

  (5) يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيەسى، ۋىرۇسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەرنى تەكشۈرۈپ ئەۋرىشكە ئېلىش، ساقلاش، ئېلىپ يۈرۈش، توشۇش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش؛

  (6) ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تازىلىق شارائىتى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش.

  ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر زور ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ۋە تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ.

  54-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىك پەيدا بولغان نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىشقا، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ياكى كۆپەيتىۋېلىشقا ۋە ئەۋرىشكە ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن ماسلىشىشى كېرەك، ئۇنى رەت قىلىشقا، توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  55-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغىغۇچىنىڭ ئاممىۋى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى، يېمەكلىكلەر ۋە ئالاقىدار بۇيۇملارنى بۇلغىغانلىقىنى، ۋاقتىدا تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىلمىسا يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇش، تارقىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايقىسا، ئاممىۋى ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى تاقىۋېتىش، يېمەكلىك ۋە ئالاقىدار بۇيۇملارنى پېچەتلەش ياكى سېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشتەك ۋاقىتلىق تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانسا ھەمدە ئۇنى تەكشۈرسە ياكى دېزىنفېكسىيە قىلسا بولىدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇلغانغان يېمەكلىك بولۇپ چىقسا، ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك؛ بۇلغانمىغان يېمەكلىك ياكى دېزىنفېكسىيە قىلىش ئارقىلىق ئىشلىتىشكە بولىدىغان بۇيۇم بولسا، تىزگىنلەش تەدبىرىنى بىكار قىلىشى كېرەك.

  56-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خادىملىرى قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، ئىككىدىن كەم بولماسلىقى ھەمدە قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى، سەھىيەگە دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش قەغىزىنى تولدۇرۇشى كېرەك.

  سەھىيەگە دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش قەغىزىدە خاتالىق بولمىسا، سەھىيەگە دائىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ۋە ئالاقىدارلار ئىمزا قويۇشى كېرەك. ئالاقىدارلار ئىمزا قويۇشنى رەت قىلسا، سەھىيەگە دائىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ئەھۋالنى ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.

  57-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئىچكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خادىملارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى ۋە تەرتىپ بويىچە مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

  يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۆۋەن دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى ئىشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى بايقىسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇشى ياكى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  58-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا جەمئىيەت ۋە پۇقرانىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىنغان ئىشلارنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.



  7-باب كاپالەت تەدبىرى

  59-ماددا دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

  60-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش-نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ كۈندىلىك خىراجىتىگە ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

  گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىغا قاراپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، داۋالاپ ساقايتىش، كۆزىتىش، مۆلچەرلەش، سىگنال بېرىش، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشكە ئوخشاش تۈرلىرىنى بېكىتىدۇ. مەركەز مالىيەسى قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشى ئۈچۈن ياردەم پۇل بېرىدۇ.

  ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، نازارەت قىلىشقا ئوخشاش تۈرلىرىنى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىغا قاراپ، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن دائىرىدە بېكىتىدۇ ھەمدە شۇ تۈرنى يولغا قويۇش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  61-ماددا دۆلەت ئاساسىي قاتلام يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، نامرات رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە يار-يۆلەك بولىدۇ.

  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر مەھەللىلىرى ۋە يېزا ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  62-ماددا دۆلەت ئالاھىدە يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى داۋالاپ قۇتقۇزىدۇ، داۋالاش خىراجىتىنى كېمەيتىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

  63-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش دورىلىرى، داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى ۋە باشقا ئەشيالارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن زاپاس ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  64-ماددا ئالاقىدار ئورۇنلار يۇقۇملۇق كېسەللىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئوقۇتۇش، نەق مەيداندا يۇقۇم ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتتە يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغاتقۇچى بىلەن ئۇچرىشىدىغان باشقا كىشىلەرگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۈنۈملۈك سەھىيە مۇداپىئە تەدبىرى ۋە داۋالاش-سالامەتلىك ئاسراش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.



  8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  65-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن مەلۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان، تارقالغاندا ۋاقتىدا داۋالاشقا تەشكىللىمىگەن، تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  66-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

  (1) يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى خەۋەرلەندۈرۈش، مەلۇم قىلىش ياكى ئېلان قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان، كېچىكىپ مەلۇم قىلغانلار؛

  (2) يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالغان ياكى تارقىلىش ئېھتىمالى بولغاندا ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىغانلار؛

  (3) نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

  (4) تۆۋەن دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى ھەققىدە ئورۇن ۋە شەخسلەر پاش قىلغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئېنىقلىمىغان، بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

  (5) مۇشۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار.

  67-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى داۋالاش مەسئۇلىيىتى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىغانلارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  68-ماددا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار جاۋابكارلارنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

  (1) يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كۆزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلار؛

  (2) يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش، خەۋەرلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان، كېچىكىپ مەلۇم قىلغانلار؛

  (3) يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالى ئۇچۇرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يىغمىغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئۇچۇرى ۋە يۇقۇم مەلۇماتىنى ۋاقتىدا تەھلىل قىلمىغان، تەكشۈرۈپ ئېنىقلىمىغانلار؛

  (4) يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى سەزگەندە، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەدبىرلەرنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا قوللانمىغانلار؛

  (5) يۇقۇملۇق كېسەللەر، كېسەل يۇقتۇرغۇچىلار، گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقانلارنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغان ئۇچۇر، ماتېرىياللارنى قەستەن ئاشكارىلاپ قويغانلار.

  69-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدىۋېتىش چارىسى كۆرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار جاۋابكارلارنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

  (1) ئۆز ئورنىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى، دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇم تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

  (2) يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان، كېچىكىپ مەلۇم قىلغانلار؛

  (3) يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى بايقىغاندا يۇقۇملۇق كېسەللەر، گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللەرنى بەلگىلىمە بويىچە داۋالاپ قۇتقۇزمىغان، نەق مەيداندا ياردەم بەرمىگەن، قوبۇل قىلمىغان، يۆتكەپ بەرمىگەن ياكى يۆتكەپ بېرىلگەن كېسەللەرنى قوبۇل قىلمىغانلار؛

  (4) ئۆز ئورنىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغىغۇچىدىن بۇلغانغان ئورۇن، بۇيۇم ۋە داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش ياكى زىيانسىزلاندۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

  (5) داۋالاش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى بەلگىلىمە بويىچە بىرلا قېتىم ئىشلىتىدىغان داۋالاش سايمىنىنى كۆيدۈرۈۋەتمەي، قايتا ئىشلەتكەنلەر؛

  (6) داۋالاپ ساقايتىش جەريانىدا، تېببىي خاتىرە-ماتېرىياللارنى بەلگىلىمە بويىچە ساقلىمىغانلار؛

  (7) يۇقۇملۇق كېسەللەر، كېسەل يۇقتۇرغۇچىلار، گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقانلارنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغان ئالاقىدار ئۇچۇر، ماتېرىياللارنى قەستەن ئاشكارىلاپ قويغانلار.

  70-ماددا قان ئېلىش-قان بىلەن تەمىنلەش ئاپپاراتلىرىدىن يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان، كېچىكىپ مەلۇم قىلغان ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلماي، قان سېلىش سەۋەبىدىن قاندىن يۇقۇدىغان كېسەللىك پەيدا قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدىۋېتىش چارىسى كۆرىدۇ ھەمدە قان ئېلىش-قان بىلەن تەمىنلەش ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  قانۇنسىز ھالدا قان ئالغان ياكى باشقىلارنى قان سېتىشقا تەشكىللىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى چەكلەيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  71-ماددا دۆلەت چېگرا سەھىيە كارانتىن ئورگىنى، ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە ئاپپاراتلىرىدىن يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلارنى ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدىۋېتىش چارىسى كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  72-ماددا تۆمۈريول، قاتناش، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە تىجارەت ئورۇنلىرىدىن يۇقۇملۇق كېسەللىكنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلارنى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش دورا، ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىنى ئاۋۋال توشۇشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىغانلارنى ئالاقىدار تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ.

  73-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ياكى كەلتۈرۈپ چىقىش ئېھتىمالى بولغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئىجازەتنامە ئالغانلارنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن تارماق قانۇن بويىچە ۋاقىتلىق تۇتۇپ قالسا ياكى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛

  (1) ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرىدىن تەمىنلىگەن ئىچىملىك سۇ دۆلەتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە ۋە تازىلىق قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە؛

  (2) ئىچىملىك سۇنىڭ تازىلىق بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مەھسۇلاتلاردىن دۆلەتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە ۋە تازىلىق قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە؛

  (3) يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرىدىن دۆلەتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە ۋە تازىلىق قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە؛

  (4) يۇقۇم رايونىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغىغۇچىدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولغان بۇيۇملارنى سېتىش، توشۇشتا دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلىنمىغان بولسا؛

  (5) بىيو ياسالمىلارنى ئىشلەيدىغان ئورۇنلار ئىشلىگەن قان ياسالمىسى دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمىغان بولسا.

  74-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، ئىجازەتنامە ئالغانلارنىڭ ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە ۋاقىتلىق تۇتۇپ قالسا ياكى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇشى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار جاۋابكارلارنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

  (1) كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزم تەجرىبىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلاردىن دۆلەت بەلگىلىگەن شەرت ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىگە توشماي تۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغىغۇچىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق باشقۇرماي، تەجرىبىخانىدا يۇقۇملىنىشنى ۋە كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان مىكرو ئورگانىزمنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛

  (2) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيەسى، ۋىرۇس ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەرنى تەكشۈرۈش ئەۋرىشكىسىنى ئالغان، ساقلىغان، ئېلىپ يۈرگەن، توشۇغان ۋە ئىشلەتكەنلەر؛

  (3) كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلماي قان سېلىش، قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىپ كېسەللىكنىڭ قاندىن يۇقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار.

  75-ماددا ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان كېسەللىككە ئالاقىدار ياۋايى ھايۋانلار، ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرىنى كارانتىن قىلماي تۇرۇپ ساتقان، توشۇغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ

  چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

  76-ماددا دۆلەت بېكىتكەن تەبىئىي يۇقۇملۇق كېسەللىك مەنبەسىدە سۇ ئىنشائاتى، قاتناش، ساياھەتچىلىك، ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى سەھىيە تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزمەيلا ئېلىپ بارغانلارنى ياكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ پىكرىگە قۇلاق سالماي، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش زۆرۈر تەدبىرى قوللانمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكۈچىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قۇرۇلۇشنى توختىتىش، تاقىۋېتىشنى بۇيرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

  77-ماددا ئورۇن ۋە شەخسلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇشى، تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باشقىلارنى جىسمانىي، مال-مۈلۈك جەھەتتىن زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.



  9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  78-ماددا بۇ قانۇندا قوللىنىلغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:

  (1) يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر: گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلىككە دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمى»گە ئاساسەن، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دەپ دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمىگە چۈشىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ.

  (2) كېسەللىك يۇقتۇرغۇچى: يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغىغۇچىنىڭ كىلىنكىلىق ئالامىتى بولمىسىمۇ، لېكىن كېسەللىك قوزغايدىغان ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.

  (3) ئېپىدېمىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش: كىشىلەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياكى ساغلاملىق ئەھۋالى دائىرىسىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىلنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى شۇنىڭدەك سالامەتلىك ئاسراش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ.

  (4) يۇقۇم نۇقتىسى: كېسەللىك قوزغىغۇچى يۇقۇم مەنبەسىدىن ئەتراپقا يۇقتۇرغان كىچىكرەك دائىرىنى ياكى ئايرىم يۇقۇم مەنبەسىنى كۆرسىتىدۇ.

  (5) يۇقۇم رايونى: يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ تارقىلىپ، كېسەل قوزغىغۇچىنىڭ ئەتراپقا تارقالغاندا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان رايوننى كۆرسىتىدۇ.

  (6) ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان كېسەللىك: ئادەمگىمۇ، ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلارغىمۇ يۇقىدىغان كېسەللىكنى، مەسىلەن، چۇما، غالجىر كېسىلى، قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

  (7) تەبىئىي يۇقۇم مەنبەسى: ئىنسانلاردا يۇقۇملۇق كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان بەزى كېسەللىك قوزغىغۇچىلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئارىسىدا ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋە دەۋر قىلىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ.

  (8) كېسەل يۇقتۇرغۇچى جانلىقلار: كېسەللىك قوزغىغۇچىنى ئادەمدىن ياكى باشقا ھايۋانلاردىن ئادەمگە يۇقتۇرىدىغان جانلىقلارنى مەسىلەن، پاشا، چىۋىن، بۈرگە قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

  (9) تېببىي مەنبەدىن يۇقۇملىنىش: تېببىي مۇلازىمەتتە كېسەللىك قوزغىغۇچىدىن يۇقىدىغان يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

  (10) دوختۇرخانىدىن يۇقۇملىنىش: كېسەلخانىدا ياتقان كېسەللەرنىڭ دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشىنى، جۈملىدىن، كېسەلخانىدا ياتقان مەزگىلدە كۆرۈلگەن يۇقۇملىنىش ۋە كېسەلخانىدا يۇقتۇرۇپ، كېسەلخانىدىن چىققاندىن كېيىن كۆرۈلگەن يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن، كېسەلخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن باشلانغان ياكى كېسەلخانىغا كىرگەندە يوشۇرۇن مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان يۇقۇملىنىشنى كۆرسەتمەيدۇ. دوختۇرخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ دوختۇرخانىدىن يۇقۇملىنىشىمۇ دوختۇرخانىدىن يۇقۇملىنىشقا كىرىدۇ.

  (11) تەجرىبىخانىدىن يۇقۇملىنىش: تەجرىبىخانىدا ئىشلەۋاتقاندا، كېسەللىك قوزغىغۇچى بىلەن ئۇچرىشىشتىن يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

  (12) باكتېرىيە، ۋىرۇس: مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان باكتېرىيە، ۋىرۇسنى كۆرسىتىدۇ.

  (13) دېزىنفېكسىيەلەش: مۇھىتتىكى كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزمنى خىمىيەلىك، فىزىكىلىق، بىيولوگىيەلىك ئۇسۇل بىلەن ئۆلتۈرۈش ياكى يوقىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

  (14) كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتى: كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى شۇنىڭدەك كەسپىي پائالىيىتى يۇقىرىقى ئاپپاراتنىڭكىگە ئوخشاش ئورۇننى كۆرسىتىدۇ.

  (15) داۋالاش ئاپپاراتى: «داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» بويىچە، داۋالاش ئاپپاراتى كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسى ئېلىپ، كېسەلگە دىياگنوز قويىدىغان، كېسەل داۋالايدىغان ئاپپاراتنى كۆرسىتىدۇ.

  79-ماددا يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر يېمەكلىك، دورا، قان، سۇ، داۋالاش تاشلاندۇقلىرى ۋە كېسەل قوزغىغۇچى مىكرو ئورگانىزمنى باشقۇرۇش شۇنىڭدەك ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە دۆلەت چېگرا سەھىيە كارانتىنى ھەققىدە بۇ قانۇندا بەلگىلىمە بولمىسا، باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

  80-ماددا بۇ قانۇن 2004-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


  ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى جۇڭگو مىللەتلەر تىل- يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەمىنلىدى.  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ