جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى

2020.02.26 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  (1988-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان

  2004-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11-سانلىق يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1- قېتىم تۈزىتىلگەن

  2009-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10-سانلىق يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 2-قېتىم تۈزىتىلگەن

  2016-يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-سانلىق يىغىنىدا تۈزىتىلگەن

  2018-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6-سانلىق يىغىنىنىڭ 《جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 〈ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى〉 قاتارلىق 15 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى》غا ئاساسەن 3-قېتىم تۈزىتىلدى)

  مۇندەرىجە

  1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  2-باب ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانىنى قوغداش

  3-باب ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش

  4-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1-ماددا بۇ قانۇن ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش، ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

  2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىكى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەردە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

  مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار—— ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان، سۇدا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە مۇھىم ئېكولوگىيەلىك قىممەتكە، ئىلمىي، ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ.

  مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرى—— ياۋايى ھايۋانلار (جۈملىدىن ئۇرۇقى، تۇخۇمى) ۋە ئۇلارنىڭ تۇغۇندىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان سۇدا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلاردىن باشقا سۇدا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشتا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

  3-ماددا ياۋايى ھايۋانلار بايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

  دۆلەت ياۋايى ھايۋانلار ئىلمىي تەتقىقاتى، سۈنئىي كۆپەيتىش قاتارلىق قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار پائالىيەتلەر بىلەن قانۇن بويىچە شۇغۇللانغان تەشكىلات ۋە شەخس قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

  4-ماددا دۆلەت ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئۇلاردىن قېلىپلىق پايدىلىنىش، قاتتىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ، ياۋايى ھايۋانلار ئۈستىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتقا ئىلھام بېرىدۇ، پۇقرالارنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  5-ماددا دۆلەت ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانىنى قوغدايدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانىغا مۇناسىۋەتلىك قوغداش يىرىك پىلانى ۋە تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش خىراجىتىنى خامچوتقا كىرگۈزۈشى كېرەك.

  دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھەدىيە-ئىئانە قىلىش، ماددىي ياردەم بېرىش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى قوللىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

  مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشاش ماكانى—— ياۋايى ھايۋانلارنىڭ دالىدىكى تۈر توپى ياشايدىغان، كۆپەيتىدىغان مۇھىم رايونىنى كۆرسىتىدۇ.

  6-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. قانۇنغا خىلاپ ھالدا ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، تۇتۇش، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشاش ماكانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئالاقىدار تارماق ۋە ئورگانغا پاش قىلىش ياكى شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار، ئورگانلار پاش قىلىنغان ۋە شىكايەت قىلىنغان ئىشلارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق-ئوتلاق، بېلىقچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان، سۇدا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان، سۇدا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

  8-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشقا دائىر تەشۋىق-تەربىيەنى ۋە ئىلىم-پەن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە پىدائىيلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشقا دائىر قانۇن-نىزاملار ۋە قوغداش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

  مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش بىلىملىرى، تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.

  ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشقا دائىر قانۇن-نىزاملار ۋە قوغداش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جامائەت پىكرى جەھەتتىن نازارەت قىلىشى كېرەك.

  9-ماددا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مۇكاپاتلايدۇ.

  2-باب ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانىنى قوغداش

  10-ماددا دۆلەت ياۋايى ھايۋانلارنى تۈر، دەرىجە بويىچە قوغدايدۇ.

  دۆلەت ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى نۇقتىلىق قوغدايدۇ. دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان ۋە 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان دەپ ئايرىلىدۇ. دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تىزىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى ئىلمىي باھالاشقا تەشكىللىگەندىن كېيىن بېكىتىدۇ ھەمدە باھالاش ئەھۋالىغا قاراپ ھەر بەش يىلدا تىزىملىكنى تەڭشەشنى بېكىتىدۇ. دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تىزىملىكى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلاپ ئېلان قىلىشىغا يوللىنىدۇ.

  يەرلىك نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار—— دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلاردىن باشقا، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. يەرلىك نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىلمىي باھالاشقا تەشكىللىگەندىن كېيىن بېكىتىدۇ، تەڭشەيدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

  مۇھىم ئېكولوگىيەلىك قىممەتكە، ئىلمىي قىممەتكە، ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تىزىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى ئىلمىي باھالاشقا تەشكىللىگەندىن كېيىن بېكىتىدۇ، تەڭشەيدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

  11-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش ۋە باھالاشقا ئالاقىدار ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى قەرەللىك تەشكىللىشى ياكى ئۇلارغا ھاۋالە قىلىشى، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانى ھەققىدە ئارخىپ تۇتۇشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

  ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش ۋە باھالاش تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

  (1) ياۋايى ھايۋانلارنىڭ دالىدىكى جايلىشىش رايونى، تۈر سانى شۇنىڭدەك قۇرۇلمىسى؛

  (2) ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشاش ماكانىنىڭ كۆلىمى، ئېكولوگىيەلىك ئەھۋالى؛

  (3) ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانىغا بولغان ئاساسلىق تەھدىت ئامىللىرى؛

  (4) ياۋايى ھايۋانلارنى سۈنئىي كۆپەيتىش ئەھۋالى قاتارلىق تەكشۈرۈش، كۆزىتىش ۋە باھالاش زۆرۈر بولغان باشقا مەزمۇنلار.

  12-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش ۋە باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ مۇھىم ياشاش ماكانى تىزىملىكىنى بېكىتىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

  ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى قانۇن بويىچە ئايرىپ، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇھىم ياشاش ماكانىنى قوغدايدۇ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى قوغدايدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ياخشىلايدۇ. ئالاقىدار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا ئايرىش شارائىتى ھازىرلانمىغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوۋلاش (تۇتۇش) مەنئى قىلىنغان رايوننى ئايرىش، ئوۋلاش (تۇتۇش) مەنئى قىلىنغان مەۋسۇمنى بەلگىلەش قاتارلىق باشقا شەكىللەرنى قوللىنىپ قوغدىسا بولىدۇ.

  ئالاقىدار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا سىرتتىن كەلگەن تۈرلەرنى كىرگۈزۈش، بىرلا خىل ئورمان بىنا قىلىش، دېھقانچىلىق دورىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ چېچىشقا ئوخشاش ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشىشى، كۆپىيىشىگە كاشىلا قىلىدىغان، تەھدىت سالىدىغان قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ ياكى ئۇنىڭغا چەك قويۇلىدۇ.

  ئالاقىدار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئايرىلىدۇ ۋە باشقۇرۇلىدۇ.

  13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئېچىپ پايدىلىنىشقا دائىر يىرىك پىلاننى تۈزگەندە، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانىنى قوغداش ئېھتىياجىنى تولۇق نەزەردە تۇتۇشى، يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانىنى قوغداشقا كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان ئومۇمىي تەسىرىنى تەھلىل قىلىشى، مۆلچەرلىشى ۋە باھالىشى، يىرىك پىلاننى يولغا قويغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان پايدىسىز ئاقىۋەتتىن ساقلىنىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى كېرەك.

  ئالاقىدار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا قانۇن-نىزاملاردا قۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ. ئايرودۇرۇم، تۆمۈريول، تاشيول، سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى، توسما قۇرۇلۇشى، دېڭىزنى قاشالاپ تىندۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا ئورۇن، لىنىيە تاللاشتا، مۇناسىۋەتلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆچۈش يوللىرىدىن چەتلەش كېرەك؛ چەتلىگىلى بولمىسا، ياۋايى ھايۋانلار ئۆتىدىغان يوللارنى، بېلىق ئۆتىدىغان ئەسلىھەلەرنى ياساشقا ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ياۋايى ھايۋانلارغا پايدىسىز تەسىرنى تۈگىتىش ياكى ئازايتىش كېرەك.

  قۇرۇلۇشلاردىن ئالاقىدار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆچۈش يوللىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغانلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلايدىغان تارماق مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلىغاندا، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى ھەققىدە گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك؛ يەرلىك نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى ھەققىدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

  14-ماددا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشقا مەسئۇل ھەر دەرىجىلىك تارماقلار مۇھىتنىڭ ياۋايى ھايۋانلارغا بولغان تەسىرىنى نازارەت قىلىشى، كۆزىتىشى كېرەك. مۇھىت تەسىرى تۈپەيلىدىن ياۋايى ھايۋانلارغا زىيان يەتكەندە، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  15-ماددا دۆلەت ياكى يەرلىك نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي ئاپەت، زور مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىلىرى قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىشى كېرەك.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ياۋايى ھايۋانلارنى يىغىۋېلىش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  ياۋايى ھايۋانلارنى يىغىۋېلىش، قۇتقۇزۇش نامى بىلەن ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى ئېلىپ-سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  16-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى، مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى ياۋايى ھايۋانلاردا كۆرۈلگەن يۇقۇملۇق كېسەللەرنى ئىش تەقسىماتى بويىچە كۆزىتىشى، مۆلچەرلەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى ھەمدە ياۋايى ھايۋانلاردىكى يۇقۇمغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى بەلگىلىمە بويىچە تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى ۋە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى، مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى، سەھىيە مەسئۇل تارمىقى ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللەرگە مۇناسىۋەتلىك ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

  17-ماددا دۆلەت ياۋايى ھايۋانلار ئىرسىيەت بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش يۈزىسىدىن قوغدايدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ياۋايى ھايۋانلار ئىرسىيەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلاننى تۈزۈشى، دۆلەتنىڭ ياۋايى ھايۋانلار ئىرسىيەت بايلىقى گېن ئامبىرىنى قۇرۇشى، دۆلىتىمىزدىن چىقىدىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئىرسىيەت بايلىقىنى نۇقتىلىق قوغدىشى كېرەك.

  18-ماددا ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، ياۋايى ھايۋانلار پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  19-ماددا مۇشۇ قانۇندا قوغداش بەلگىلەنگەن ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش يۈزىسىدىن ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىسا، زىرائەتلەر ياكى باشقا مال-مۈلۈككە زىيان يەتسە، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تولۇقلىما بېرىدۇ. كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى چىقىرىدۇ. ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇغۇرتا ئاپپاراتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار پەيدا قىلغان زىيانغا تۆلەم بېرىش سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولسا بولىدۇ.

  ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار پەيدا قىلىدىغان زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ، شۇنىڭدەك زۆرۈر تولۇقلىما خىراجىتى ئاجرىتىدۇ، مەركەز مالىيەسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم پۇل بېرىدۇ.

  3-باب ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش

  20-ماددا ئالاقىدار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىدا ۋە ئوۋلاش (تۇتۇش) مەنئى قىلىنغان رايوندا، ئوۋلاش (تۇتۇش) مەنئى قىلىنغان مەۋسۇمدە، ئوۋلاش، تۇتۇش شۇنىڭدەك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشىشى ۋە كۆپىيىشىگە توسالغۇ بولىدىغان باشقا ھەرىكەتلەر مەنئى قىلىنىدۇ، لېكىن قانۇن-نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

  ياۋايى ھايۋانلار كۆچكەن مەزگىلدە، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن رايون سىرتىدىكى كۆچۈش يوللىرى ئىچىدە، ئوۋلاش، تۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ ھەمدە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشىشى ۋە كۆپىيىشىگە توسالغۇ بولىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرگە قاتتىق چەك قويۇلىدۇ. كۆچۈش يوللىرىنىڭ دائىرىسى شۇنىڭدەك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشىشى ۋە كۆپىيىشىگە توسالغۇ بولىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.

  21-ماددا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

  ئىلمىي تەتقىق قىلىش، تۈر توپىنى تەڭشەش، تىزگىنلەش، كېسەللىك مەنبەسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كۆزىتىش ياكى باشقا ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن دۆلەت 1-دەرىجىلىك قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، تۇتۇشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقىغا ئوۋلاش، تۇتۇش ئالاھىدە ئىجازەتنامىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك؛ دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، تۇتۇشقا توغرا كەلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارماقلىرىغا ئوۋلاش، تۇتۇش ئالاھىدە ئىجازەتنامىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

  22-ماددا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدىمايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، تۇتۇشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقىدىن ئوۋلاش كىنىشكىسىنى قانۇن بويىچە ئېلىش ھەمدە ئوۋلاش، تۇتۇش نورمىسىنى باشقۇرۇشقا بويسۇنۇش كېرەك.

  23-ماددا ئوۋچىلار ئوۋلاش، تۇتۇش ئالاھىدە ئىجازەتنامىسى، ئوۋلاش كىنىشكىسىدا بەلگىلەنگەن تۈر، مىقدار، جاي، قورال، ئۇسۇل ۋە بەلگىلەنگەن مۆھلەت بويىچە ئوۋلىشى، تۇتۇشى كېرەك.

  قوراللىق ئوۋلاش، تۇتۇشتا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىن قورال تۇتۇش كىنىشكىسىنى قانۇن بويىچە ئېلىش كېرەك.

  24-ماددا زەھەرلىك دورا، پارتلاتقۇچ، ئېلېكتىرونلۇق زەرەت ياكى ئېلېكتىرونلۇق يەمچۈك شۇنىڭدەك قاپقان، قىسماق، يەرلىك قورال، قارا مىلتىق قاتارلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ ئوۋلاش، تۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ، كېچىدە يورۇتۇپ ئوۋلاش، يوقىتىش خاراكتېرلىك قورشاپ ئوۋلاش، ئۇۋىسىنى بۇزۇۋېتىش، ئوت قويۇش، ئىسلاش، تور سېلىپ تۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئوۋلاش، تۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ، لېكىن ئىلمىي تەتقىقات ئېھتىياجى بىلەن تور سېلىپ تۇتۇش، ئېلېكتىرونلۇق يەمچۈك ئارقىلىق تۇتۇش بۇنىڭ سىرتىدا.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن، ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدىغان ئوۋلاش، تۇتۇش قوراللىرى ۋە ئۇسۇلىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.

  25-ماددا ئالاقىدار ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەقسىتىدە سۈنئىي كۆپەيتىشىنى دۆلەت قوللايدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى كۆپەيتىشتە، ئىجازەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى سۈنئىي كۆپەيتىشتە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارماقلىرىغا تەستىقلىتىپ، سۈنئىي كۆپەيتىش ئىجازەتنامىسى ئېلىش كېرەك، لېكىن تەستىقلىغۇچى ئورگان ھەققىدە گوۋۇيۈەننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىلىرى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

  دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى سۈنئىي كۆپەيتىشتە، سۈنئىي كۆپەيتىشتىن پايدىلىنىپ نەسىل قالدۇرۇش، تۈر نەسلىنەماسى، كۆپەيتىش ئارخىپى ۋە يەككە سانلىق مەلۇمات تۇرغۇزۇش كېرەك. تۈرلەرنى قوغداش مەقسىتىدە، دالا تۈرلىرىدىن پايدىلىنىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولۇپ قالسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 21-ماددىسى ۋە 23-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

  مۇشۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۈنئىي كۆپەيتىپ ئەۋلاد قالدۇرۇش—— تىزگىنلەنگەن شارائىتتا كۆپەيتىپ يەككە ئەۋلاد قالدۇرۇشنى، يەنە كېلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ تىزگىنلەنگەن شارائىتتا تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

  26-ماددا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى سۈنئىي كۆپەيتىش ھايۋانات تۈرلىرىنى قوغداشقا ۋە ئىلمىي تەتقىقاتقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك، دالا تۈر بايلىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشقا يول قويۇلمايدۇ ھەمدە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن، ئۇلارغا زۆرۈر ھەرىكەت بوشلۇقى ۋە ياشاش، كۆپىيىش ئۈچۈن، پاكىز، ساغلام يېتىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك، ئۇلارنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە تۈرى، كۆپىيىش كۆلىمىگە لايىق كېلىدىغان سورۇن، ئەسلىھە، تېخنىكا ھازىرلاپ، ئۇنى ئالاقىدار تېخنىكىلىق ئۆلچەم ۋە يۇقۇم مۇداپىئە تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك، ياۋايى ھايۋانلارنى خورلاشقا يول قويۇلمايدۇ.

  ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارماقلىرى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى مۇۋاپىق دالا مۇھىتىغا قويۇۋېتىش خىزمىتىنى تەشكىللىسە بولىدۇ.

  27-ماددا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى سېتىش-سېتىۋېلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  ئىلمىي تەتقىقات، كۆپەيتىش، جامائەتكە كۆرگەزمە قىلىش، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ياكى باشقا ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى سېتىش-سېتىۋېلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارماقلىرىغا تەستىقلىتىش ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە خاس بەلگە ئېلىپ ۋە ئۇنى ئىشلىتىپ، سۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، لېكىن تەستىقلىغۇچى ئورگانلار ھەققىدە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

  دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىغا خاس بەلگە قويۇش دائىرىسى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

  دۆلەت نۇقتىلىق قوغدىمايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى سېتىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشتا، مەنبەسى قانۇنلۇق بولغان ئوۋلاش، ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش ئىسپاتىنى كۆرسىتىش كېرەك.

  مۇشۇ ماددىنىڭ 2-تارمىقى ۋە 4-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ياۋايى ھايۋانلارنى سېتىشتا، قانۇن بويىچە كارانتىن ئىسپاتىنىمۇ قوشۇپ كۆرسىتىش كېرەك.

  28-ماددا سۈنئىي كۆپەيتىش تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەن دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئىلمىي دەلىللەش ئارقىلىق، گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى كۆپەيتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش كېرەك. تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرى ھەققىدىكى سۈنئىي كۆپەيتىش ئىجازەتنامىسىنى كۆرسىتىپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارماقلىرى تەكشۈرگەن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا ئاساسەن، خاس بەلگىنى بىۋاسىتە ئېلىپ، ئۇنى سۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، خاس بەلگىگە ئاساسەن سېتىشقا ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

  مۇشۇ قانۇننىڭ 10-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تىزىملىكىنى تەڭشىگەندە، ئالاقىدار دالا تۈرىنى قوغداش ئەھۋالىغا قاراپ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۈنئىي كۆپەيتىش تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەن ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سۈنئىي كۆپەيتىلگەن تۈر توپىنى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزمەي، دالىدىكى تۈر توپىنى باشقۇرۇشقا ئوخشىمايدىغان باشقۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ، لېكىن مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى ۋە مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈنئىي كۆپەيتىش ئىجازەتنامىسى ۋە خاس بەلگە ئېلىش كېرەك.

  29-ماددا ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىدىن پايدىلىنىشتا، سۈنئىي كۆپەيتىلگەن تۈر توپىنى ئاساس قىلىپ، دالىدىكى تۈر توپىنى ئاسراشقا پايدىلىق، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تەلىپىگە ئۇيغۇن ئىش قىلىش، جامائەت ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇن-نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

  ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرىنى دورا ئورنىدا سېتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا، دورا باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغىمۇ ئەمەل قىلىش كېرەك.

  30-ماددا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىشلىگەن يېمەكلىك ياكى قانۇنلۇق مەنبە ئىسپاتى بولمىغان دۆلەت نۇقتىلىق قوغدىمايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىشلىگەن يېمەكلىكنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلىش مەقسىتىدە قانۇنسىز سېتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  31-ماددا ياۋايى ھايۋانلارنى سېتىش-سېتىۋېلىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان ئوۋلاش، تۇتۇش قوراللىرى ئۈچۈن ئېلان بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. ياۋايى ھايۋانلار ياسالمىلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا سېتىش-سېتىۋېلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېلان بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  32-ماددا تور سودا سۇپىسى، تاۋار سودا بازىرى قاتارلىق سودا سورۇنلىرىدا ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرى ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان ئوۋلاش، تۇتۇش قوراللىرىنى قانۇنغا خىلاپ سېتىش-سېتىۋېلىش، پايدىلىنىش ئۈچۈن سودا مۇلازىمىتى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  33-ماددا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش، پوچتىدىن ئەۋەتىشتە، مۇشۇ قانۇننىڭ 28-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى ناھىيە چېگراسىدىن ئېلىپ چىقىشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 21-، 25-، 27-ياكى 28-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىجازەتنامىنى، تەستىق ھۆججىتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ياكى خاس بەلگىنى شۇنىڭدەك كارانتىن ئىسپاتىنى كۆرسىتىش ياكى قوشۇپ قويۇش كېرەك.

  دۆلەت نۇقتىلىق قوغدىمايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ناھىيە چېگراسىدىن توشۇپ چىقىشتا، ئوۋلاش، ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش قاتارلىق قانۇنلۇق مەنبە ئىسپاتى شۇنىڭدەك كارانتىن ئىسپاتى بولۇش كېرەك.

  34-ماددا ئىلمىي تەتقىقات، سۈنئىي كۆپەيتىش، جامائەتكە كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارماقلىرى نازارەت قىلىشى-باشقۇرۇشى كېرەك.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى سېتىش-سېتىۋېلىش، پايدىلىنىش، توشۇش، پوچتىدىن ئەۋەتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئىش تەقسىماتى بويىچە نازارەت قىلىشى-تەكشۈرۈشى كېرەك.

  35-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە مەنئى قىلىنغان ياكى چەك قويۇلغان ياۋايى ھايۋانلار ياكى ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرى سودىسى تىزىملىكىنى دۆلەتنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغان تۈرلەر ئىمپورت-ئېكسپورتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى چىقىرىدۇ، تەڭشەيدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ياۋايى ھايۋانلار ياكى ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىشتا، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ياكى ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقىغا ياكى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىش ھەمدە دۆلەتنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغان تۈرلەرنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈپ تارقاتقان ئىمپورت-ئېكسپورت ئىجازەت ئىسپاتىنى ئېلىشى كېرەك. تاموژنا چېگرادىن كىرگۈزۈش-چىقىرىش كارانتىنىنى قانۇن بويىچە قىلىدۇ، بەلگىلىمە بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى ئىمپورت-ئېكسپورتقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتى ۋە كارانتىن ئىسپاتىغا قاراپ ئۆتەپ بېرىدۇ.

  پەن-تېخنىكا مەخپىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ياۋايى ھايۋان تۈرلىرى ئېكسپورتى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

  مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ياۋايى ھايۋانلار گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلانغان دائىرىدە دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار قاتارىدا باشقۇرۇلسا بولىدۇ.

  36-ماددا دۆلەت ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش شۇنىڭدەك ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيەتلىرىدە خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرىدۇ؛ ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى ئەتكەس قىلىش ۋە قانۇنسىز سودا قىلىشقا زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش بويىچە تارماقلار ماسلىشىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ، ئەتكەسچىلىكنىڭ ۋە قانۇنسىز سودىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىدۇ.

  37-ماددا چېگرا سىرتىدىن ياۋايى ھايۋان تۈرلىرىنى كىرگۈزىدىغانلار گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك. مۇشۇ قانۇننىڭ 35-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ياۋايى ھايۋانلارنى چېگرا سىرتىدىن كىرگۈزۈشتە، قانۇن بويىچە ئىمپورت-ئېكسپورت ئىسپاتىنىمۇ ئېلىشى كېرەك. تاموژنا چېگرادىن كىرگۈزۈش كارانتىنىنى قانۇن بويىچە قىلىدۇ، بەلگىلىمە بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى ئىمپورت-ئېكسپورت تەستىق ھۆججىتى ياكى ئىمپورت-ئېكسپورتقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتى شۇنىڭدەك كارانتىن ئىسپاتىغا قاراپ ئۆتەپ بېرىدۇ.

  چېگرا سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن ياۋايى ھايۋان تۈرلىرىنىڭ دالا مۇھىتىغا كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىخەتەر، ئىشەنچلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇلارنى دالىغا قويۇپ بېرىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك.

  38-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ياۋايى ھايۋانلارنى دالا مۇھىتىغا قويۇپ بېرىشتە، شۇ جايدىكى تۈرلەرگە ماسلىشىپ دالىدا ياشايدىغانلىرىنى تاللىشى، شۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ نورمال تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىشىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىكى، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. ياۋايى ھايۋانلارنى خالىغانچە قويۇۋېتىپ، باشقىلارنىڭ جىسمانىيىتىگە، مال-مۈلكىگە زىيان يەتكۈزگەن ياكى ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا خەۋپ يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  39-ماددا ئالاھىدە ئىجازەتلىك ئوۋلاش، تۇتۇش كىنىشكىسى، ئوۋلاش كىنىشكىسى، سۈنئىي كۆپەيتىش ئىجازەتنامىسى شۇنىڭدەك خاس بەلگىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، سېتىش-سېتىۋېلىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارە-ئارىيەت ئېلىش-بېرىش، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنىڭ تەستىق ھۆججىتى ياكى ئىمپورت-ئېكسپورت ئىجازەت ئىسپاتى، ئىمپورت-ئېكسپورت تەستىق ھۆججەتلىرىنى سېتىش-سېتىۋېلىش، پايدىلىنىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار ئىجازەتنامىلەر، خاس بەلگىلەر ۋە تەستىق ھۆججەتلىرىنى بېرىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاش كېرەك.

  40-ماددا چەت ئەللىكلەردىن دۆلىتىمىزدە دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى دالىدا تەكشۈرىدىغان ياكى دالىدا فىلىمغا، سىنغا ئالىدىغانلىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئورۇنغا تەستىقلىتىشى ھەمدە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  41-ماددا يەرلىك نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە دۆلەت نۇقتىلىق قوغدىمايدىغان باشقا ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى چىقىرىدۇ.

  4-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  42-ماددا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارماقلىرى، باشقا ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورگانلاردىن مەمۇرىي ئىجازەت قارارىنى قانۇن بويىچە چىقارمىغان، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقاپ تۇرۇپ ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ھەققىدىكى پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلماسلىق ياكى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلماسلىق ۋە ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش قاتارلىق مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشى بارلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماق، ئورگانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش ياكى دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش جازاسىنى قانۇن بويىچە بېرىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى سەۋەنلىكىنى بوينىغا ئېلىپ ئىستېپا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  43-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 12-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقى، 13-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  44-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى قۇتقۇزۇش نامى بىلەن يىغىۋېلىپ ساتقان-سېتىۋالغانلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرى قىممىتىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئالاقىدار ئۇچۇرىنى ئىجتىمائىي ئىناۋەت ئارخىپىغا سالىدۇ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  45-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 20-ماددىسى، 21-ماددىسى، 23-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 24-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، ئوۋلاش، (تۇتۇش) مەنئى قىلىنغان رايوندا، ئوۋلاش، (تۇتۇش) مەنئى قىلىنغان مەۋسۇمدە دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىغان، تۇتقانلارنىڭ، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، تۇتۇش كىنىشكىسى ئالماي، ئوۋلاش، تۇتۇش ئالاھىدە ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلماي ئوۋلىغان، تۇتقان، ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان قورال-سايمان، ئۇسۇللار بىلەن دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىغان، تۇتقانلارنىڭ ئوۋ ئولجىلىرى، ئوۋلاش، تۇتۇش قورال-سايمانلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارماقلىرى، دېڭىز- ئوكيان قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى ياكى ئالاقىدار مۇھاپىزەت رايونلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلار ئىش تەقسىماتى بويىچە مۇسادىرە قىلىدۇ، ئالاھىدە ئىجازەتلىك ئوۋلاش، تۇتۇش كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ، قوشۇمچە ئوۋ ئولجىسى قىممىتىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئوۋ ئولجىسى يوقلارغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  46-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 20-ماددىسى، 22-ماددىسى، 23-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 24-ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، ئوۋلاش، (تۇتۇش) مەنئى قىلىنغان رايوندا، ئوۋلاش، (تۇتۇش) مەنئى قىلىنغان مەۋسۇمدە، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدىمايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىغان، تۇتقانلارنى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدىمايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش كىنىشكىسى ئالماي، ئوۋلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي ئوۋلىغان، تۇتقانلارنىڭ ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان قورال-سايمان، ئۇسۇللار بىلەن، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدىمايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىغان، تۇتقانلارنىڭ ئوۋ ئولجىلىرى، ئوۋلاش، تۇتۇش قورال-سايمانلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارماقلىرى ياكى ئالاقىدار مۇھاپىزەت رايونلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلار ئىش تەقسىماتى بويىچە مۇسادىرە قىلىدۇ، ئوۋلاش كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ، قوشۇمچە ئوۋ ئولجىسى قىممىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئوۋ ئولجىسى يوقلارغا قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  مۇشۇ قانۇننىڭ 23-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال تۇتۇش كىنىشكىسى ئالماي تۇرۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قورال بىلەن ئوۋلاپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  47-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۈنئىي كۆپەيتىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 28-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ياۋايى ھايۋانلارنى كۆپەيتكەنلەرنىڭ ياۋايى ھايۋانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرى قىممىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  48-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 27-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى ۋە 2-تارمىقى، 28-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 33-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 28-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ، خاس بەلگە ئالماي تۇرۇپ ياكى ئۇنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتمەي ۋە ياكى سۈنئىي كۆپەيتىش ئىجازەتنامىسى، تەستىق ھۆججىتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى ياكى خاس بەلگىنى ئىلكىدە تۇتماي تۇرۇپ ۋە كۆرسەتمەي تۇرۇپ ساتقان، سېتىۋالغان، ئۇنىڭدىن پايدىلانغان، توشۇغان، ئېلىپ يۈرگەن، ئەۋەتكەنلەرنىڭ ياۋايى ھايۋانلىرى ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى ياكى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى ئىش تەقسىماتى بويىچە مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرى قىممىتىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ سۈنئىي كۆپەيتىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ، تەستىق ھۆججىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، خاس بەلگىسىنى يىغىۋالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  مۇشۇ قانۇننىڭ 27-ماددىسىنىڭ 4-تارمىقى، 33-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدىمايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنلۇق مەنبە ئىسپاتى يوق تۇرۇپ ساتقان، پايدىلانغان، توشۇغانلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارماقلىرى ياكى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ياۋايى ھايۋانلار قىممىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  مۇشۇ قانۇننىڭ 27-ماددىسىنىڭ 5-تارمىقى، 33-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى كارانتىن ئىسپاتىنى ئىلكىدە تۇتماي تۇرۇپ ياكى قوشۇمچىسىنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ ساتقان، توشۇغان، ئېلىپ يۈرگەن، ئەۋەتكەنلەرگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  49-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 30-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرى ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدىمايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىدىن قانۇنلۇق مەنبە ئىسپاتى يوق تۇرۇپ يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغان، يېمەكلىك تىجارىتى قىلغان ۋە ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلىش مەقسىتىدە، قانۇنسىز سېتىۋالغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى ياكى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى ئىش تەقسىماتى بويىچە توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ياۋايى ھايۋانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرى قىممىتىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  50-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 31-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرى ياكى مەنئى قىلىنغان ئوۋلاش، تۇتۇش قورال-سايمانلىرىنى سېتىش-سېتىۋېلىش ۋە پايدىلىنىش مەقسىتىدە ئېلان بەرگەنلەرگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  51-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 32-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرى ياكى مەنئى قىلىنغان ئوۋلاش، تۇتۇش قوراللىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا سېتىش-سېتىۋېلىش، پايدىلىنىش ئۈچۈن، سودا مۇلازىمىتى قىلغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  52-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 35-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار ياكى ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلغانلارنى تاموژنا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دېڭىز-ئوكيان قانۇن ئىجرا قىلىش تارمىقى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە جازالايدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  53-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 37-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا سىرتىدىن ياۋايى ھايۋان تۈرلىرىنى كىرگۈزگەنلەرنىڭ ياۋايى ھايۋانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ چېگرادىن كىرگۈزۈش كارانتىنى قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان-چىقىرىلىدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىنى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  54-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 37-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن ياۋايى ھايۋانلارنى دالا مۇھىتىغا قويۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۇتۇپ كېلەلمىسە، ئالاقىدار ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارماقلىرى ۋاكالىتەن تۇتۇپ كېلىدۇ ياكى تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى قوللىنىدۇ، زۆرۈر خىراجەتنى مۆھلەت ئىچىدە تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇلغۇچى چىقىرىدۇ.

  55-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار كىنىشكا، خاس بەلگە ياكى ئالاقىدار تەستىق ھۆججەتلىرىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ساتقان-سېتىۋالغان، ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئىجارە، ئارىيەت بەرگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ كىنىشكىسى، خاس بەلگىسى، ئالاقىدار تەستىق ھۆججەتلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  56-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇسادىرە قىلىنغان بۇيۇملارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  57-ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوۋ ئولجىسىنىڭ قىممىتى، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنىڭ قىممىتىنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلىنى گوۋۇيۈەننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

  5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  58-ماددا بۇ قانۇن 2017-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.



ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى جۇڭگو مىللەتلەر تىل- يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەمىنلىدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ