مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيە سۇپىسى ئېچىلدى

2020.02.26 16:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيە سۇپىسى يېقىندا رەسمىي ئېچىلدى، جامائەتچىلىككە يۈزلىنىپ، يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش ۋە تور ئارقىلىق قوللاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ سۇپىغا 200 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ۋە باشقا ئاپپاراتلارنىڭ كەسپىي پىدائىيلىرى توپلانغان بولۇپ، نۆۋەتچى ۋە زاپاس پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرىدىن 3000 ى، مۇپەتتىش 200 دىن ئاشىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ياردەم سورىشىنى قاندۇرالايدۇ، ھەر كۈنى 14 سائەت ئېچىلىپ، ئەتىگەن سائەت 8 دىن كەچ سائەت 10 غىچە داۋاملىشىدۇ. سۇپا يەنە ئۈچ تۈر كىشىلەر توپىغا قارىتا دەل جايىدا پىسخىكىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ- خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ 1 – سېپىدىكى تېبىي خادىملار، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ج خ كادىر - ساقچىلىرى ۋە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىدىن ئىبارەت.

  ياردەم تەلەپ قىلغۇچىلار تېلېفون، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى، كىچىك ئەپ قاتارلىق ئۈچ خىل يول ئارقىلىق پىسخىكا جەھەتتىن ھەقسىز مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونى 4009678920、010—67440033、027—59427263؛ «ياش - ئۆسمۈرلەر تور پىسخىكىسى ۋە ھەرىكىتى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى» (青少年网络心理与行为教育部重点实验室) نىڭ ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، تىزىملىك ئىستونىدىكى «پىسخىكا قىزىق لىنىيە»نى چەكسىمۇ ئۇلىغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ