جېجياڭ يۈياۋدا كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىلدى

2020.02.25 18:09 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، يۈياۋ شەھىرىدىكى بىر كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، ئىشچىلار سۇلياۋ بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقارماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسى يۈياۋ شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى «ئىككى قولدا تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، قاتناش، مالىيە- باج قاتارلىق نۇرغۇن تارماقلار ئالاقىدار سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا دۇچ كەلگەن ئېنېرگىيە تەمىناتى، خام ئەشيا تەمىناتى، تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتى، بازار تەمىناتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ