جۇڭگو-دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

2020.02.25 18:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو-دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ جۇڭگو تەرەپ باشلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لياڭ ۋەننيەن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ چەت ئەل تەرەپ باشلىقى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئالدىن ئەۋەتىلگەن گۇرۇپپىسى باش ئىش بېجىرگۈچىسىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى برۇس ئايلۋاردنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشقا ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ