مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى پىرىنسىپ جەھەتتە يۇقۇم ئەھۋالى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنىشتىن بۇرۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2020.02.25 17:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 24-فېۋرال، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىرى چېن باۋشېڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلىپ، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ ۋە ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنغان.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە تەستىقىي يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە پۈتۈن يىللىق مائارىپنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان تەسىرى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، مۇھىم تەدبىرلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، خىزمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي ئۇرۇش، توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىنىڭ يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى، يولى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلدى، مۇھىم نۇقتا بېكىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ