مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قالايمىقان ئىش قىلىش، قانۇننى زىيادە ئىجرا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئالاقىدار ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، دېدى

2020.02.25 17:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغاننى قالايمىقان قىلىش، ئاددىي، قوپال بولۇش ۋە قانۇننى زىيادە ئىجرا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا پاش قىلىش، ئەرز قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا يوللاپ بېرىلىدۇ... 24-فېۋرال ئەدلىيە مىنىستىرلىقى «قانۇننى قاتتىق، قېلىپلاشقان، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، 10 تەرەپتىن قانۇننى قاتتىق، قېلىپلاشقان، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا پەيدا بولغان قانۇن تالاش-تارتىشى ۋە مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك. ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغاننى قالايمىقان قىلىش، ئاددىي، قوپال بولۇش ۋە قانۇننى زىيادە ئىجرا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا پاش قىلىش، ئەرز قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا يوللاپ بېرىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا پەيدا بولغان قانۇننى ئىجرا قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلماسلىق، ھەتتا قانۇننى ئىجرا قىلىشتا چىرىكلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەردە سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىكلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئىنتىزام ۋە قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، قانۇن ئىجرا قىلىش كاپالىتى جەھەتتە، «پىكىر»دە ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى قانۇن ئىجرا قىلىش 1-سېپىنىڭ خىزمەت ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى تولۇق سەپلەش، ماسكا، تېرمومېتىر، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى تەييارلاش ۋە سەپلەش، شۇنىڭدەك تاماق يېيىش، كېچىلىك نۆۋەتچىلىك قىلىش، قاتناش قاتارلىق بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە كونترول قىلىشنىڭ ئارقا سەپ كاپالىتىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى. ھەمدە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئىش ئورنىغا چىقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، كېسەل بولسىمۇ ئىش ئورنىغا چىقىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ