مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 48-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2020.02.25 16:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 48-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن، قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى فېي قانۇنغا خىلاپ ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يېيىشتەك ناچار ئادەتنى تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدە دوكلات بەردى. دائىمىي كومىتېت قانۇن خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىنى كېچىكتۈرۈپ ئېچىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ھەققىدە دوكلات بەردى. يىغىندا يۇقىرىقى لايىھە قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ